شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شەرىپىنى قوغداش ھەققىدىكى باياناتى

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ شەرىپىنى قوغداش ھەققىدىكى باياناتى

(ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن تارتىپ كۈچكە ئىگە)

 

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى تۈركىيەدە 14 يىلدىن بۇيان ئىزچىل پىداكارلىقى بىلەن ۋەتەن، مىللەتنىڭ خىزمىتى ۋە دەۋاسىنى قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەمەلىي خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىدۇ ۋە ھەرۋاقىت بۇ جەمئىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ۋە ئىززىتىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ۋەتەن، مىللەت دەۋاسىنى بەدەلسىز ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، يىللاردىن بېرى ئىجتىھات ۋە ئىخلاس بىلەن قىلىپ كېلىۋاتقان شۇ قەدەر خىزمەتلىرىگە ئادالەت تارازىسى بىلەن ھۆكۈم قىلغان ئاساستا، بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مەسلەكتە، ھەرىكەتتە ۋە ئۆملۈكتە بىر ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىمىز.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ قاتلاملىق جامائەتچىلىكى جايلاشقان تۈركىيە دۆلىتىدە خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۆز جەمئىيىتىمىزنىڭ ئابرۇيىنى قوغداش بارلىق ئەلسۆيەر تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ شەرىپىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا سەمىمىي خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە نىيەت-مەقسەتلىرى ياخشىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان ھەرقانداق تەشكىلاتلارنى ۋە شەخسلەرنى ھۆرمەت قىلىش شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ مەيدانىدۇر ۋە شوئارىدۇر. كىمكى مىللەت مەنپەئەتىگە زىيان سالسا، بىز ئۇلاردىن يىراقمىز.

ئەزىز مۆھتەرەملەر، غەرب ئەللىرىدە تەشكىلاتچىلىق قىلىش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ۋە دەۋادىكى تايماس بىر تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق ناتوغرا خەۋەر تارقىتىۋاتقان ياكى پەقەت كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ، باشقىلارغا بىھۇدە ھاقارەت ۋە تۆھمەت قىلىۋاتقان ھەر قانداق ئىنسانلارنى ۋە گۇرۇپپىلارنى سەمىمىي ھالدا ھەققە ۋە ئادالەتكە چاقىرىمىز.

يىللاردىن بېرى خەلقئارادىكى بارلىق تەشكىلاتلار ۋە ئارىمىزدىن چىققان نوپۇزلۇق ئەربابلار بىلەن بولغان مۆتىدىل مەيدانىمىزنى يەنە بىر قېتىم ھەممەيلەنگە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەندىكى سىستېمىلاشقان خىزمەتلىرىگە گۇۋاھلىق بېرىمىز:

1. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىزنى مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان مۇبارەك ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قايتا راۋاجى ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ئۆلىمالار ۋە دىنىي ساھە ئىجتىھاتچىلىرىنى بىر يەرگە ئەكەلگەنلىكىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتقانلىقىغا، تەشۋىقات، مەتبۇئات ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە سىجىل تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمىز.

2. مۇستەقىل بىر شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋاسىتىسى بولغان، ئىستىقلال نامى بىلەن باشلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە «شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا جەمئىيىتى» نامى بىلەن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان ئاخبارات تەرەققىياتىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.

3. مۇھاجىرەتتە تىكلەنگەن سىستېمىلىق ئىنسانپەرۋەرلىك، خەيرى-ئېھسان جەمئىيىتى بولغان كۆك ئاي جەمئىيىتى، نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى، يېڭى نەسىل ياشلار تەشكىلاتى، تەنتەربىيە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر خىزمەتلىرى، مائارىپ ۋە دىنىي تەربىيە، مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى، تەشكىلاتچىلىقتىكى ئاۋانگارتلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.

4. ئون قېتىملىق خەلقئارالىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىش سەھنىسى ئارقىلىق بارلىق ۋەتەنپەرۋەرلەرگە قوينىنى ئاچقان ئەمەلىيىتىگە ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۈچ قېتىملىق مىللىي شۇرا يىغىلىشىنى تەرتىپكە ئەكەلگەنلىكىدەك ئەمەلىي خىزمىتىگە گۇۋاھلىق بېرىمىز.

5. مەتبۇئات ۋە مائارىپ جەھەتتە سىستېمىلاشقان مەتبۇئات، كۇتۇپخانا ۋە تارقىتىش مۇلازىمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.

ئۇندىن باشقا بارلىق تەشكىلاتلار قىلىپ كېلىۋاتقان كۈنتەرتىپتىكى خىزمەتلىرىنى كەم قالدۇرماي قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، تۈركىيە دۆلىتى، جامائەتچىلىكى ۋە ئاخبارات ساھەلىرى بىلەن ساغلام مۇناسىۋىتى بارلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز. ئاللاھ سۇبھانەۋەتەئالا 14 يىلدىن بېرى بۇ جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان مۆتىۋەرلەردىن، ئارىمىزدىن ئايرىلغان ئالىملىرىمىزدىن ۋە دەۋانى غۇلاتماي داۋاملاشتۇرۇۋاتقان پىداكارلاردىن رازى بولسۇن ۋە بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا نۇسرەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن، ئامىن!

ئەزىز مۆھتەرەملەر! ئۇيغۇرلاردا «تۈلكە ئۆز ئىنىغا ھۈرسە قوتۇر بولۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. بىزنىڭ ئۆزئارا سەمىمىيىتىمىز ۋە ھۆرمىتىمىز مىللەتنىڭ ھۆرلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك زىل مەسىلە، كىمكى باشقىلارغا ھۆرمەت كۆرسەتسە، ئۇنىڭ تاپىدىغىنى ئىززەت بولىدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەنگە توغرا چۈشەنچە، ساغلام قەلب ۋە بىرلىك مەۋقەسى ئاتا قىلسۇن!

ۋەسسالام.

 

شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى

2020-يىلى، 9-سېنتەبىر. ئادېلەيد، ئاۋسترالىيە.

بۇ خەۋەر 5663 قېتىم كۆرۈلدى
09/09/2020 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق