بىر تۈركۈم خانىملارھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاندىن ھال سورىدى

7-سېنتەبىر بىر تۈركۈم خانىملار شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇدىكى ۋاقىتلىق ئىشخانىسىغا كېلىپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاندىن ھال سورىدى.

مېھمانلار زىيارەت جەريانىدا يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تور-مۇنبەرلەردە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ۋە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا قارشى ھەر خىل پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ تۆھمەت قىلغانلىقىنى، تەشكىلاتلارغا ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ شەخسىيىتىگە قارشى ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، بۇ ئەھۋاللاردىن ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى ۋە غەزەپلەنگەنلىكىنى ئېيتىپ: «سىلەر ھەرخىل تۆھمەت، پىتنە-پاساتلارغا قارىماي، كېچە-كۈندۈز دېمەستىن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر. خەلقىمىزنىڭ كۆزى بار. سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ يولدا تارتىۋاتقان جاپا-مۇشەققەت ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھەر ۋاقىت سىلەرنى قوللايدۇ. بىز ھەر ۋاقىت سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا» دەپ كۆڭۈللىرىنى ئىزھار قىلىپ، تەسەللىي بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ، تارقىلىۋاتقان بەزى گەپ-سۆزلەر، ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەر، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر، نوپۇس مەسىلىلىرى توغرۇلۇق توختىلىپ، مېھمانلارغا چۈشەنچە بەردى.

خانىملار كېيىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا بىر دەستە گۈل ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ، تۈركىيەنىڭ بايرىقى چۈشۈرۈلگەن بىر يۈرۈش ئىستاكان ھەدىيە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەم مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىغا ئاتاپ مەخسۇس ياسىتىپ ئېلىپ كەلگەن لەۋھەنى تەقدىم قىلدى.

 ھەمشىرىلىرىمىز ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانغا سوۋغا قىلغان لەۋھەدە مۇنداق يېزىلغان:

 

مەدھىيە

 

بۇ شېئىرنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ھاجىمغا ۋە بارلىق خىزمەتچىلەرگە بېغىشلايمەن.

 

تەشكىلاتلار بىرلىكى خەلق بىرلىك سېپىمىز،

ئۇلۇغ ۋەتەن كۆرۈشى مەنزىلىڭىز غايىڭىز،

مۇستەقىللىق بىرلىشىش نىشانىڭىز يولىڭىز،

ئۇيغۇرۇمنىڭ كەلگۈسى غېمىڭىزدۇر دەردىڭىز،

ئىمانىڭىز قۇۋۋەتتۇر ھارماي خىزمەت قىلدىڭىز،

رەببىمىزگە ھەققىڭىزدە كۆپ دۇئالار قىلىمىز.

مىننەتدار بىز يەتسۇن سىزگە سالاملىرىمىز،

غېرىب بولغان قېرىنداشقا ھامان ئىگە چىقتىڭىز،

تۇل-يېتىمنىڭ كۆز يېشى بولغاچ ئېغىر ھەسرىتىڭىز،

رەب رىزاسى كۆزلىگەچ ھېچ ئېگىلمەس قەددىڭىز،

پىتنە-پاسات تۆھمەتكە سۇنماس قەيسەر روھىڭىز،

رەببىمىزگە ھەققىڭىزدە كۆپ دۇئالار قىلىمىز.

ئەجىر-ھېكمەت بابىدا نۇر چاقنىتار بېتىڭىز،

ئىزتىراپلىق تارىخقا ئۆچمەس ئىزلار سالدىڭىز،

ياد ئەتكۈسى ئەۋلادلار ھىدايەتۇللاھ نامىڭىز،

ئوغۇز ئوغلى ھەق سۆيەر رەئىسىمىز پەخرىمىز،

ئىنشائاللاھ جەننەتتۇر ئاخىرەتتە ئورنىڭىز،

رەببىمىزگە ھەققىڭىزدە كۆپ دۇئالار قىلىمىز.

بۇ خەۋەر 5276 قېتىم كۆرۈلدى
08/09/2020 09:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق