ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شىۋىتسارىيە پارلامېنتىغا ئىلتىماس سۇندى

 

ئۇيغۇرلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شىۋىتسارىيە پارلامېنتىغا ئىلتىماس سۇندى

بۈگۈن شىۋېيتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە  ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى  بىرلىشىپ خىتاي شىۋېيتسارىيە كېلىشىمىگە قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسنى پارلامېنتقا سۇندى.  

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پائالىيەتكە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى قاتناشقان. بۇ توختام ئەسلىدە مەخپىي تۈزۈلگەن بولۇپ، 2015-يىل 12-ئايدا ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم  خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ 2 ھەپتە شىۋىتسارىيەدە تۇرۇش رۇخسەتنامىسى بىلەن شىۋىتسارىيەدە تۇرۇپ، قانۇنسىز تۇرۇۋاتقان ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كىشىلەر ھەققىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېتىشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. بۇ توختامنامىنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى بۇ يىل 12-ئاي بولۇپ، ئۇنى ئۇزارتىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى بولغان.

بۇ مەخپىي كېلىشىم ئالدىنقى ھەپتە شىۋېيتسارىيەنىڭ «يېڭى زۈرىخ گېزىتى» تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغا قەدەر پاناھلىقى رەت قىلىنىپ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار يوق ئىكەن. بۇ خەۋەر ئاخباراتقا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن شىۋېيتسارىيەدە چوڭ غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. شىۋىتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم سايىسى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن بۇنداق توختامنامىنى ئۇزارتىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋېيتسارىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بۇ توختامنامىنىڭ دائىرىسىگە كىرىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن. ھەتتا ئۇلارنى بۇ ئارقىلىق رەنىگە ئېلىۋېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىشقا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. شۇڭا شىۋېيتسارىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭغا ئوخشاش توختامنامىنى دەرھال توختىتىپ، خىتايدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە خاتىمە بېرىش، ئۇلارغا ئەركىنلىك بېرىشنى ۋە غۇرۇرى بىلەن ياشاشقا ئىمكانىيەت يارىتىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنۇلغان.

بۇ خەۋەر 5445 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2020 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق