گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى باشلاندى

گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى باشلاندى
ئۆز خەۋىرىمىز: بۈگۈن گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتىگە قارشى تۆت ئايلىق مارافونچە قارشىلىق كۆرسىتىش نامايىشى باشلاندى.
نامايىشنى گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتتىپاقى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىكى رېشاتكىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن خەتلەر يېزىلغان ئۇزۇن پىلاكات ئاستى.
قاتناشقۇچىلار نامايىش جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى تاقىشىنى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قويۇپ بېرىشىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەيسا قارىم نامايىشنىڭ تۆت ئاي داۋاملىشىدىغانلىقىنى، تۆت ئاي ئىچىدە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۆچ رەت بويىچە  نامايىشنى كۈچ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى نامايىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 4997 قېتىم كۆرۈلدى
07/09/2020 15:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق