خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خەلقئارادا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىنتايىن تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن قۇل ئورنىدا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە تاراتقۇلاردا يالغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن.
سىندا 2018-يىلى ئىش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى دەۋا قىلىنغان ئۇيغۇر ئايالنى مەجبۇرىي سۆزلىتىپ، ئۇنىڭ باشتا 700 سوم ئىش ھەققى ئالغانلىقىنى، يېقىندا ئىش ھەققى ئۆستۈرۈلۈپ، 1800 سومغا چىققانلىقىنى تەشۋىق قىلغان.
يېقىندا ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىمىزگە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشى ھەققىدە ئۇچۇر يوللانغان بولۇپ، ئۇچۇردا خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقىنى، بىراق شەرقىي تۈركىستاندىكى رېئاللىقنىڭ خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك ئەمەسلىكىنى، ئاي ئاخىرىدا تاماق پۇلىنى تۇتۇپ قېلىپ، ئاشقىنىنى بېرىدىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك قولىغا ئىنتايىن ئاز پۇل تېگىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان يەنە بىر سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ يىلمۇ دېھقانلارنى ئالدىغان بولۇپ، ئەتىيازدا تۇرپان يېشىل ئۈزۈمنىڭ بىر كىلوگىرامىنى ئون سومغا ئۆستۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقان. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۈزۈمنى خىتاي دائىرىلىرى ئېيتقان باھادا ئالىدىغان ئادەم تاپالمىغان. سىندا بىر ياش ھەسرەت چەككەن ھالدا:«يېشىل ئۈزۈمنىڭ كىلوسىنى ئون سومنىڭ ئۈستىدە ئالىدۇ، دېگەنىدى، خۇشال بولغان ئىدىم، بىراق ئۇلار دېگەندەك بولمىدى. دېھقانلارنىڭ كۆتىدىن قارىسا چىشى كۆرۈنىدىغان بولۇپ كەتتى» دېگەنلەرنى بىلدۈرۈپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى، جۈملىدىن دېھقانلارنى ھەرخىل باھانىلەر بىلەن نامراتلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ كونترول قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىغا يېتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيناشقا باشلىغانلىقىنى، خەلقنىڭ ناھايىتى ئېغىر كۈنلەردە قالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.