خەلقىمىزگە ...

خەلقىمىزگە ...

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن تارتىپ، ھەرىكەت پىرىنسىىپىنى مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراش، بۈيۈك غايىسىنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى، خىزمەت ئۆلچىمىنى مىللىي مەنپەئەت قىلىپ كەلمەكتە. ھەر بىر قەدىمىمىزنى تەشكىلات ئىچى شۇرا ۋە خەلق ئېھتىياجى ۋە پىكرىگە ئاساسەن بەلگىلەپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى سىياسىي بىر ھەرىكەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەدە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش، تۈركىيە دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى سىياسىي جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە تۈرك، ئىسلام ئۈلكىلىرىدە كۈچلىنىشى ئاساسلىق ھەرىكەت نىشانىمىزدۇر.

يېقىنقى مەزگىللەردە تۈركىيەدە سانى كۆپەيگەن شەرقىي تۈركىستان جامائىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ رول ئوينىشى، ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغدىيالىشى، خىتاينىڭ سۇيقەستى ۋە بېسىملىرىغا قارشى تۇرالىشى، مۇھاجىرەتتە نورمال ھاياتىنى قۇرۇپ چىقالىشى ئۈچۈن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىجتىمائىي جەھەتتىكى بەزى قۇلايلىقلارنى يارىتىشنى تەلەپ قىلىپ، ھەر تۈرلۈك دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردۇق. بۇ پائالىيەتلىرىمىز بىزنى ئەسلى نىشانىمىز بولغان مۇستەقىللىق غايىسىدىكى سىياسىي ھەرىكىتىمىزدە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلدى، سېپىمىزنى سەرخىللاشتۇردى. بۇ جەرىياندا باشقا چەتئەللىكلەردىن ئالاھىدە شەكىلدە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرۇش رۇخسىتىگە ۋە خىزمەت رۇخسىتىگە ئىلتىماس قىلىش سالاھيىتىگە ۋە ئوقۇش ئىشلىرىدىكى قۇلايلىقلارغا ئېرىشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىز بولدى. بۇلارنى ئاللاھنىڭ ياردىمى، خەلقىمىزنىڭ قوللىشى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۇرۇستلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

        تۈركىيەدىكى مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىشمۇ جەمئىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپتە ھەل قىلىشقا تېرىشىۋاتقان مەسىللىرى قاتاردىن بولغىنىدەك، تايلاند، سەئۇدىي ئەرەبىستان، مورىتانىيە، مىسىر ۋە باشقا دۆلەتلەردە قاپسىلىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئامان - ئېسەن تۈركىيەگە قايتۇرۇپ ئەكىلىشمۇ جىددىي بىر شەكىلدە ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر قاتارىدىندۇر. بۇ يىل 7- ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە ئىچكى ئشلار مېنىستىرى بىلەن يۇقىرىدىكى نۇقتىلار ھەققىدىكى تەكلىپلىرىمىز ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىمىزنى ئورتاقلىشىش ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي ياردىمىنى تەلەپ قىلىش مەقسىتىدە، تۈركىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان بىر بۆلۈك تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت بولۇپ، ئىچكى ئىشلار مېنىستىرى بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزدا بىز ئىچكى ئىشلار مېنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئەپەندىدىن ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نوپۇس مەسىلىسى، سۇرىيەدىكى ئەسىر ئايال ۋە بالىلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسى، تايلاند تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى، پەرزەنتلىرىمىزنى تۈركىيەدە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا تەلەپ قىلىنىۋاتقان تۇغۇت ئىسپاتىنى تەلەپ قىلىشنى ۋە ئىش بېجىرىشتە توي خېتىنى شەرت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەسىلىسى، «87» نومۇرلۇق كود ۋە ئۇنىڭدىن باشقا قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلەرنى تىزىملىكتىن چىقىرىش مەسىلىسى، تۈركىيەدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنى قويۇپ بېرىش، چەتئەلدىن تۈركىيەگە كىرەلمەي قالغانلارغا يول ئېچىپ بېرىش، سەئۇدى ئەرەبىستاندا تەيۋەن پاسپورتى بىلەن قاپسىلىپ قالغانلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ ئەسنادا تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىش ئىستىكى بىلەن جەمئىيىەتكە كېلىپ تىزىمگە ئالدۇرغان مىڭلارچە كىشىنىڭ تىزىملىكى ئىچكى ئىشلار مېنىستىرىگە سۇنۇلدى. شۇنىڭدەك چەتئەللەردىكى قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ مەلۇماتلىرى، تۈركىيەدىكى قارا تىزىملىككە كىرىپ قالغانلارنىڭ مەلۇماتلىرى ھەم تاپشۇرۇلدى.

تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىش تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەرقانداق بىر چەتئەللىكىنىڭ ھەققىدۇر. شۇنىڭدەك تۈركىيە ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىنى تەستىقلاشمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي قارارى بويىچە بېكىتلىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېجىرىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا ھېچقانداق بىر شەخىس ۋە ئورگاننىڭ ئارىلىشىش، ئۆزگەرتىش ۋە ياكى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېگە بولىشى قانۇنغا خىلاپتۇر.

جەمئىيىتىمىز، تۈركيىە نۇپۇس قانۇنىدىكى بەزى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن خەلقىمىزنى بەھرىمەن قىلىش ۋە نۇپۇسقا ئىلتىماس قىلىش جەرىيانىدا تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەرنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇندىن بېرى تېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ئىمتىيازلارنىڭ ئومۇمى يۈزلۈك ھەل بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، دەۋادا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارنى، جەمئىيەت ۋە ھەرىكەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان شەخىسلەرنى، خىتاينىڭ تەھدىت ئوبىيېكىتى بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى يۇرت چوڭلىرى ۋە ئىلىم ئىگىلىرىنى ئالدىنقى قاتاردا تىزىملاپ، 3 بۆلۈككە بۆلۈپ ئىچكى ئىشلار مېنىستىرلىقىغا سۇندۇق، نەتىجىدە 400 دىن ئارتۇق ئائىلە تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىندى. يەنە 2- سىنتەبىردىن باشلاپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سۇنۇلغان تىزىملىكتىكى كىشىلەرگىمۇ ئىستىسنائىي ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى رەسمىي ئۇختۇرۇش كېلىشكە باشلىدى.

جەمئىيىتىمىزنىڭ باش كاتىبى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى، يېقىندا ئىستىقلال تىلىۋىزىيەسىنىڭ «مائارىپ ھەرىكىتىمىز ۋە دەۋايىمىز» تېمىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتى جەرىيانىدا، ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسىدا بىرىنجى قاتاردا تىزىملىنىشقا لايىق دەپ قارالغان شەخىسلەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە توختۇلۇش ئەسناسىدا بەزى جۈملىلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشى سەۋەپلىك مەقسەتنىڭ خاتا چۈشىنىلىشىگە يول قويىدىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىپ قېلىشى خەلقىمىز تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكەت مىزانى، غايىسى، ۋە خىزمەت پىرىنسىپلىرىگە قارىتا خاتا چۈشۈنۈشلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنىڭ پەيدا بولىشىغا، نەتىجىدە تالاش - تارتىش ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولدى. جەمئىيىتىمىز بۇ نۇقتىدا يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ۋەكىللىك قىلىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھىس قىلغان رەسمىي بىر ئورگان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەخىس ۋە مەسىلىلەرنى باھالاشتا تۇققاندارچىلىق ئەمەس لاياقەت، سالاھىيەت، مىللىي مەنپەئەت، مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشنى ئاساس قىلىمىز. خەلقىمىزنىڭ ئەمەلىي خىزمەتلىرىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىزگە قارىتا بىزنىڭ پوزىتىسىيە ۋە پىرىنسىپلىرىمىزغا باھا بېرىشىنى، خاتا چۈشۈنۈشلەرنىڭ خەلق بىلەن ئارىمىزنى بوزۇشىغا يول قويماسلىقىنى ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى سورايمىز. بىز ھەر ۋاقىت خەلقىمىزنىڭ پىكىرلىرى، تەنقىدلىرىگە مۇھتاج بولغاندەك، قوللىشى ۋە قوغدىشىغا ھەم ئېھتىياجلىقمىز. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى يولىدىكى ھەرىكەتلىرىمىزدە سەپداش، دىنىمىزدا قېرىنداش، ھاياتىمىزدا تۇققان ۋە سىرداش بولۇپ بىرلەشكەن، ھەمكارلاشقان، پارچىلانمايدىغان ۋە بىر - بىرىنى قوللايدىغان شەرقىي تۈركىستان قوشۇنى ھاسىل قىلىش ئەڭ يۈكسەك ئۈمىدىمىزدۇر.

ئاخىرىدا ئاللاھ تائالادىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى يولىدىكى ھەرىكەتلىرىمىزگە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلىشىنى، ئارىمىزنى ئىسلاھ قىلىىشىنى، خاتالىقىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى ۋە توغرا يولدا مۇستەھكەم قىلىىشىنى تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

بۇ خەۋەر 4842 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2020 21:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق