چارىسىز قالغان خەلقىمىز دەردىنى كۆز يېشى ئارقىلىق ئۇقتۇرماقتا

چارىسىز قالغان خەلقىمىز دەردىنى كۆز يېشى ئارقىلىق ئۇقتۇرماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر جەھەتتىن قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىنغان، چىقىش يولى قالمىغان خەلقىمىز كۆز يېشى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېغىر ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى زور تۈركۈمدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىر قىسمىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامىشى سەۋەبلىك سان-ساناقسىز ئائىلىلەر ۋەيران بولدى. بىر قىسىم ئائىلىلەردە ئاياللار يالغۇز قالدى، پەرزەنتلەر ئىگە-چاقىسىز قالدى. ياشانغانلار باققۇچىسىز، ئېتىزلار پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم يوق تاشلىنىپ قالدى. بىر-ئىككى يىل ئىلگىرى خەلقىمىز بۇ دەردلىرىنى چەت ئەلگە چىقىۋالغان تۇغقانلىرىغا، قېرىنداشلىرىغا ۋە خەلقئارادىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېزىق ھەم سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئىچكى ئەھۋاللارنى تارقىتىشقا قارشى يولغا قويغان قاتتىق تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تەدبىرلىرى خەلقنىڭ دەردىنى ئېيتىشقا توسالغۇ بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ قېتىم خەلقىمىز يەنە كۆز يېشى ئارقىلىق دەردىنى ئاشكارىلىدى.

مەزكۇر سىندا ئۇيغۇرلار ئىچىگە پاتمىغان دەرد-ئەلەملىرىنى كۆز يېشى ئارقىلىق ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ ساقچىخانىدىن چاقىرتىلىپ، «بېرىپلا كېلەي» دەپ بىر كەتكىنىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىشتەك جىنايىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

يەنە بىر سىندا ئاكىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ «بېرىپ كېلەي» دەپ كەتكىنىچە كەلمىگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئائىلىدە يالغۇزلۇقتا ھەقىقەتەن چارچاپ كەتكەنلىكىنى يېزىق ۋە كۆز يېشى ئارقىلىق ئىشارەتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە ۋە ئەركىن دۇنيادىكى خەلقىمىزگە ئۈنسىز دەردىنى تۆككەن.

بۇ خەۋەر 1917 قېتىم كۆرۈلدى
05/09/2020 14:58:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق