خىتاي مۇخبىرىلىرى گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

خىتاي مۇخبىرىلىرى گېرمانىيەدە جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

جەنۇبىي خىتاي پوچتىسى تورىنىڭ 25-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ مۇخبىرى گېرمانىيە ئاخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خەۋەرگە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ئالدىنقى ھەپتە گېرمانىيەدىكى ناتونىڭ ھەربىي بازىسىغا زىيارەت ئۈچۈن بارغاندا، باشقا مۇخبىرلار بىلەن بىللە كەلگەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ مۇخبىرى بازىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى سۈرەتكە تارتىۋالغان ۋە ھەربىيلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى زىيارەت قىلغان.
گېرمانىيە ئاخبارات ئىدارىسى بۇ ئۈچ مۇخبىرنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوغرىلىقچە ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ھەققىدە گۇمان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى بارلىق پائالىيەتلىرىنى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ئاشكارا تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئەمما گېرمانىيەدە بۇ خىل نىزام بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي مۇخبىرلىرى بۇ يوچۇقتىن پايدىلانغان.

بۇ خەۋەر 1868 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2019 14:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق