كۆك ئاي جەمئىيىتى ئۆنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا

كۆك ئاي جەمئىيىتى ئۆنۈملۈك خىزمەت قىلماقتا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، تۈركىيەدە خەلقىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى 3- سېنتەبىر ئېھتىياجلىق قېرىنداشلىرىمىزغا گۆش تارقىتىپ بەردى.

كۆك ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى ياردەمگە ئېھتىياجى بار مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. خەلقىمىزگە تېخىمۇ ئەتراپلىق خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە، خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ھەمدە ۋەقپىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى جانلاندۇردى.

جەمئىيەت 3- سېنتەبىر 400 ئائىلىگە ئۈچ كىلو گىرامدىن كالا گۆشى تارقىتىپ بەردى.

جەمئىيەت يەنە مەخسۇس پىدائىي تەشكىللەپ قەرەللىك ھالدا ھەقىقىي قىيىنچىلىقى بار قېرىنداشلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ ، شۇ تىزىملىككە ئاساسەن ھەر خىل شەكىلدە ياردەم بويۇمى تارقىتىپ ئۆز رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرماقتا .  

 

 

بۇ خەۋەر 5333 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2020 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق