خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنى تونۇشتۇردى

خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخوڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنى تونۇشتۇردى
تىبەتلەر ھەققىدىكى يازمىلىرى بىلەن تونۇلغان خىتاي يازغۇچى تاڭ دەنخۇڭ 28-ئاۋغۇست ئۇيغۇر شائىرى، ئاتالمىش شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقى ھەققىدە خىتاي تىلىدا يازغان «بىر ئۇيغۇرنىڭ ھېكايىسى» ناملىق ماقالىسى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، «كىتابلارغا باھا مۇنبىرى»دە ئېلان قىلىنىپ دىققەت قوزغىغان.
ئۇ ماقالىسىدە 2016-يىلغىچە ئىسرائىلىيە خايفا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ئىككى يىللىق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان دوتسېنت ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ، 2017-يىلى يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئاڭلىغانلىقىنى، ئۇنىڭ قىسمىتىگە قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.
يازغۇچى تاڭ دەنخۇڭ ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقى ۋە سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق شېئىرلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئىدىيەلەر ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.
يازغۇچى تاڭ دەنخۇڭ يەنە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى ئابلەت ئابدۇرېشىت بەرقىگە ئوخشاش ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتكۈل خەلقنى باستۇرۇپ قىرغىن قىلىۋاتقانلىقتەك ئېغىر ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 2051 قېتىم كۆرۈلدى
04/09/2020 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق