شەرقىي تۈركىستاندا ھاۋا قاتنىشىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان.
خەۋەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكى، خىتاي جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ 3-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانغا قاتنايدىغان قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، ئالتاي، غۇلجا، يەكەن، تۇمشۇق قاتارلىق 13 قاتناش نۇقتىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى، ھازىر شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى تارماق رايونلاردا نۆۋەتچى ئايروپىلان سانىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى %60كە يەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۆلچەرلىنىشىچە، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرى ۋە ئاخىرلىرىدا جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدىكەن، شۇ چاغدا، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتناش نۇقتىسى 43كە يېتىدىكەن.
1-سېنتەبىر كورلا ئايرودۇرۇمى، چەرچەن ئايرودۇرۇمىدا ئۈرۈمچى نۆۋەتچى ئايروپىلانى، ئۈرۈمچى-كورلا-چەرچەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىدىن ئۈرۈمچى، كورلا، ئاقسۇ، كۇچا، قارامايغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ھەر كۈنى بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىغان.
3-سېنتەبىردىن باشلاپ ئاقسۇ-كۇچا، ئاقسۇ-شىخەنزە، ئالتاي-كورلا، كورلا-ئاقسۇ-غۇلجا، كورلا-كۇچا-غۇلجا، كورلا-شىخەنزە، كورلا-چەرچەن، كورلا-چاقىلىق، كورلا-چەرچەن قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كەينى-كەينىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. تيەنجىن ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 7-سېنتەبىردىن باشلاپ ئۈرۈمچى-چۆچەك، بورتالا، ئالتاي، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.