خىتاي ئەسكەرلىرى ياشانغانلارنى ھاشارغا سالماقتا

خىتاي ئەسكەرلىرى ياشانغانلارنى ھاشارغا سالماقتا
يېقىندا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان 18 سېكۇنتلۇق بىر سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە ياشانغانلارنى ھاشارغا سالغان.
يېقىنقى يىللاردىن بىرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئاپەت ھەمدە يوقىتىشلارنى ئېلىپ كەلدى. ئائىلىدىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلار ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالدى. بۇ سەۋەبلىك ئائىلىنىڭ يۈكى ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى ئاياللارغا، ياشانغانلارغا ۋە بالىلارغا قالماقتا. ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئائىلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئۈستىگە ئالغاننى ئاز دەپ، خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئۇلارنى تۈگىمەس يىغىن، ئاتالمىش سىياسىي ئۆگىنىش ۋە تۈرلۈك ھەقسىز ھاشارلارغا سېلىپ قىينىماقتا.
مەزكۇر سىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاتۇشتا تارتىلغان بولۇپ، سىندا كۆپچىلىكى ئاياللار، ئاز بىر قىسمى ياشانغانلار بولغان بىر توپ ئۇيغۇر ئاممىسىنى خىتاي ئەسكەرلىرى ھاشارغا سالغانلىقى كۆرسىتىلگەن. گەرچە بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان بىر دەۋردە بارلىق ئىشلار ماشىنىلاشقان بولسىمۇ، شۇنداقلا ھاشارغا ئوخشاش ھەقسىز ئەمگەكلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قەستەن قىيناش، ئەمگەك بىلەن مەشغۇل قىلىپ ئارام بەرمەسلىكتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەت بىلەن، ئۇلارنى يول ياساش، ئۆستەڭ چېپىش، يول تازىلاشقا ئوخشاش ھەرخىل ھاشارغا مەجبۇرلىماقتا.

بۇ خەۋەر 1880 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2020 16:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق