خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئاقلاپ يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى

ئالدىنقى بىر ئاي ئىچىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرگۈزۈش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىلمىشلىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كېلىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلگەن خىتاي دائىرىلىرى كونا پەدىسى بويىچە جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن بۇ ھەقتە يېڭى دوكلات ئېلان قىلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى» بۈگۈن ئورگان تور بېتىدە «چەت ئەلنىڭ شىنجاڭدىكى نوپۇس مەسىلىسىنى كۆپتۈرۈشى ھەققىدىكى تەتقىقات دوكلاتى» ناملىق يازما دوكلاتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ ئىزچىل ئېشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

مەزكۇر دوكلاتتا 2010-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 21 مىليون 816 مىڭدىن 24 مىليون 868 مىڭغا يېتىپ، ئۈچ مىليون 52 مىڭ نوپۇسنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 12 مىليون 986 مىڭدىن 15 مىليون 861 مىڭغا كۆپەيگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى بولسا 10 مىليون 172 مىڭدىن 12 مىليون 718 مىڭغا كۆپەيگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى %25.04، خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى نىسبىتى %2 دېيىلگەن.

دوكلاتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى قىسمەن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتقا ئېيتىلىشىچە، 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغۇلۇش نىسبىتى 2017-يىلىدىكى %15.88تىن %10.69غا چۈشۈپ قالغان. ئوخشاشلا 2018-يىلى تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى 2017-يىلىدىكى %11.40تىن %6.13كە چۈشۈپ قالغان. 2018-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن تۇغۇلغانلار 2017-يىلىدىكىدىن 120 مىڭ ئازلاپ كەتكەن.

دوكلاتتا بۇ مەسىلىمۇ ھىيلىگەرلىك بىلەن پەردازلانغان بولۇپ، يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىپ، پىلاندىن سىرت تۇغۇش مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە 80 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. بۇلاردىن سىرت جەنۇبتىكى ئاتالمىش نامرات پۇقرالارنىڭ ھال-كۈنى ياخشىلىنىپ، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك كېچىكىپ توي قىلىدىغانلارنىڭ، كېچىكىپ پەرزەنت كۆرىدىغانلارنىڭ ۋە ئاز پەرزەنت كۆرۈشنى تاللىغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى، بۇ سەۋەبلىك تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوتتۇرىچە كۆپىيىش نىسبىتىدىن، شۇنداقلا خىتايلارنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىنمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش ۋە نوپۇس چەكلەشكە ئوخشاش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1730 قېتىم كۆرۈلدى
03/09/2020 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق