ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى قاتناش قىسمەن كەلتۈرۈلگەن.
31-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى ۋە سايباغ رايونىدىكى يۇقۇم خەتىرى يۇقىرى دەرىجىدىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەنلىكتىن، ئىككى رايون ئارىسىدىكى ئاممىۋى قاتناشلار ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشكە باشلىغان.
خىتاينىڭ باشقا خەۋەر مەنبەلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى تىجارەتچىلەر دۇكانلارنى ئاستا-ئاستا ئېچىشقا باشلىغان. ئاشخانىلارمۇ بىر قاتار شەرتلەر ئاستىدا ئېچىلغان. مەسىلەن: ئاشخانا ئىچىنى كۈنىگە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيە قىلىش تەلەپ قىلىنغان. بارلىق يېمەكلىكلەر ئوراپ قاچىلىنىدىغان بولۇپ، ئاشخانىدا تاماق يېيىش مەنئى قىلىنغان. دۇكاندارلاردىن ماسكا، پەلەي ۋە خىزمەت كىيىمى كىيىش، تېمپېراتۇرىسىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆلچىتىش تەلەپ قىلىنغان.

بۇ خەۋەر 1444 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2020 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق