ئالجىرىيەدىن بىر ھەيئەت مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئالجىرىيەدىن بىر ھەيئەت مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئۆز خەۋىرىمىز: ئالجىرىيە ۋە مالايسىيادىن لەلگەن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى.

ھەيئەت ئالجىرىيە ئىجتىمائىي مۇنبىرىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرۇل ئىسلام تۇئات ، كۇئالالۇمپۇر پىكىر ۋە مەدەنىيەت مۇنبىرىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى مۇھەممەد فاتىھ دۇرال، ( KUDSİD ) قۇددۇس جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دۇرالى ئەردوغان ئەپەندى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن.

ھەيئەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىلى نىزامىدىن تەمكىنىي، كۆك ئاي ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىرئوغلۇ قاتارلىقلار  جەمئىيەت ئىشخانىسىدا كۈتۈۋالدى .

ھەيئەتكە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش جىنايىتى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە ئۆز -ئارا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ئىسلام دۇنياسىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.  

بۇ خەۋەر 5445 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2020 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق