ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دورىنىڭ ۋىرۇس بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دورىنىڭ ۋىرۇس بىلەن ئالاقىسى يوق ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئىچكۈزۈلگەن دورىنىڭ خىتاي ۋىرۇسنىڭ ئالدىن ئېلىش بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرىم تەكشۈرۈش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلگەن بىر نەچچە كىشىنى زىيارەت قىلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ يۇقۇمنىڭ يۇقىرى مەزگىلىدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى نامەلۇم دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغاندىن كېيىن كۆڭلى ئاينىپ، ئۆزىنى ئاجىز ۋە كېسەل ھېس قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن بىر كامېردا تۇرغان تۇتقۇنلارنى ھەپتىدە بىر قېتىم بارلىق كىيىملىرىنى مەجبۇرىي سالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىنى ھەمدە كامېرغا دېزىنفېكسىيە دورىسى پۈركۈيدىغانلىقىنى، تېرىسى كۆيگەندەك سېزىمدا بولغانلىقىنى، قوللىرىنىڭ كاردىن چىققانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويغان بەزى قىلمىشلىرىنى مۇتەخەسسىسلەر «داۋالاش ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلمىش» دەپ باھالىغان. قاتتىق كىلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتۈشنى رەت قىلغانلارنى تۇتۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

خىتاي دائىرىلىرى 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا 826 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى دوكلات قىلغان. شۇنىڭدىن بېرى ئۆيلەرنى قۇلۇپلاپ، قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن خەلقنى قامال قىلغان. بۇ قامال 45 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ ، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى يۇقۇملانغۇچىلار 50 مىڭدىن ئاشقان ۋۇخەندىنمۇ قاتتىق قامال قىلغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئايال بىر ئايدىن كۆپرەك قامالغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنىلا سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. يەرلىك دائىرىلەر ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۆيىگە كېلىپ، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشى بولمىغان دورىنى ئىچىشكە مەجبۇرلىغان. ئەگەر ئىچمىسە يەنە قاماپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىچىشكە مەجبۇرلانغان دورا «ليەنخۇا چىڭۋېن» دەپ ئاتىلىدىغان خىتاي تېبابىتى دورىسى بولۇپ، مەزكۇر دورا ئىلگىرى ئامېرىكا تاموژنا خادىملىرى تەرىپىدىن تاموژنىدا تۇتۇپ قېلىنغان. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) مەزكۇر دورىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ دورىنىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارىتا ھېچقانداق داۋالاش ئۈنۈمى يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ پەقەتلا ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن.

-ئابدۇخەبەر رەجەپ  

بۇ خەۋەر 1712 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2020 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق