چىرا ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

چىرا ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدە 3.3 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 31-ئاۋغۇست شۇ جاي ۋاقتى سائەت 20 دىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتى چىرا ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 35.81 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 81.06 گىرادۇس) 3.3 بال يەر تەۋرىگەن.

تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 17 كىلومېتىر بولۇپ، يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ بەش كىلومېتىر دائىرىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5324 مېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بېرى يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 200 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە جەمئىي 57 قېتىم ئۈچ بال ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن. ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش بۇ يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، تەۋرەش كۈچى 6.4 بالغا يەتكەن.

-ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1283 قېتىم كۆرۈلدى
01/09/2020 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق