ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

28- ئاۋغۇست ئامېرىكا تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىكى بىناسى ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي  تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىن قىلىش سىياسىتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلىنغان.

نامايىشنى ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن ھەرىكەت رەئىسى سالىھ خۇدايار ئەپەندى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، لاگېرغا تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىن » دەپ ئاتاپ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرغان.

نامايىشچىلار « خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى»، « ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك » دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.

 لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتابىنىڭ قىلمىشلىرىنى« ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ ئاتاشنىڭ ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

زۇمرەت خانىم يەنە،« خىتاينىڭ نەچچە مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا لاگېرغا تۇتقۇن قىلغانلىقى، نەچچە يىل ئىچىدىلا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەنلىكى، خىتاينىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرى تۇغماس قىلغانلىقى، ئۇيغۇرلار لاگېر، تۈرمىلەردە قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقى، خىتاي ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنى پىلانلىغانلىقى، 500 مىڭ ئەتراپىدىكى ئىگە- چاقسىز قالغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرىغا يىغىۋېلىپ مېڭە يۇيۇش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ جىنايەت پاكىتلىرىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، ب م ت ھەمدە خەلقئارادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.   

بۇ خەۋەر 5314 قېتىم كۆرۈلدى
29/08/2020 14:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق