خىتاي ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم دورا ئىچكۈزمەكتە

خىتاي ئۇيغۇرلارغا نامەلۇم دورا ئىچكۈزمەكتە

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تۈنۈگۈن تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە نامەلۇم دورىنى مەجبۇرى ئىچۈرۈشكە باشلىغان.

سىندا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ يەرلىكتىكى قورچاق ئەمەلدارلىرى چوڭ كۈپكە قاچىلانغان نامەلۇم دورىنى كوچىمۇ- كوچا، ئۆيمۇ – ئۆي يۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرى ئىچۈرۈشكە باشلىغان. قورچاق ئەمەلدارلار دورىنى قاچىدا قۇيۇپ خەلق دورىنى ئىچىپ تۈگىگەنگە قەدەر قاراپ تۇرغان. مەزكۇر دورا سۇس دەملەنگەن چاينىڭ رەڭگىدە بولۇپ، ھەر بىر كىشىگە  بىر پىيالىدىن ئىچۈرۈپ ماڭغان.

شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان يەنە بىرى سىن ھەمدە رەسىمدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقان ئورۇنلاردا نامەلۇم دورىنى ئىچىشنى رەت قىلغانلارنى كەينىچە كويزا سېلىپ رېشاتكىغا باغلاپ قويغان. خىتاينىڭ بۇ مۇئامىلىلىرىگە نارازى بولغان خەلق ۋىيبۇ تورىدا « بۇلار خەلقنى قۇتۇلدۇرامدۇ ياكى باستۇرامدۇ ؟» دېگەن سوئاللارنى قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەنت ئاھالىلىرىمۇ مەزكۇر نامەلۇم دورىنى ئىچىشنى رەت قىلغۇچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنىمۇ جازالىغان.   

بۇ خەۋەر 1673 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2020 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق