خىتاي ئۇرۇمچىدە يەنە يادرو كىسلاتاسى سىنىقى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئۇرۇمچىدە يەنە يادرو كىسلاتاسى سىنىقى قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئاتالمىش شىنجاڭ خەۋەرلىرى تورنىڭ  27-ئاۋغۇست ئاشكارىلىشىچە، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى نوقتىلىق مەھەللىلەردە يەنە يادرو كىسلاتاسى سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋۇلوڭ بايانات ئېلان قىلىپ، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن ، نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەنلىكىنى،  ئۈرۈمچى شەھىرىگە تەۋە  نوقتىلىق مەھەللىلەردە يەنە يادرو كىسلاتاسى سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى،  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش سىياسىتىنى يەنىمۇ تەڭشەپ ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

 خىتاي دائىرىلىرى ئالدىنقى ئايدا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تەڭرىتاغ رايونىنى نوقتۇلۇق خەتەرلىك رايون قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ ، خىتاي دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو كىسلاتاسى سىنىقى ئېلىپ بارماقچى بولغان رايوننىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. 

بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قامالنى بوشاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قامالنى تېخىچە بىكار قىلمىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1428 قېتىم كۆرۈلدى
28/08/2020 15:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق