خوتەن كېرىيەدە يەر تەۋرىدى

 

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 26- ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسىدە 4.3 بال يەر تەۋرىگەن.

خىتاي يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىگە ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 8دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى (شىمالىي كەڭلىك 35.77 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.39 گىرادۇس)دە 4.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

تەۋرەشنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەلىكى، ئاپەتتە زىيان كېلىپ چىققان ياكى چىقمىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلمىگەن.

بۇ خەۋەر 1293 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2020 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق