ئەنگلىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ش ت ت ب بىلەن سۆھبەتتە...

ئەنگلىيە ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى ش ت ت ب بىلەن سۆھبەتتە...

26- ئاۋغۇست « ئۈممەت پاراۋانلىقى» ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىدىن بىر ھەيئەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتتە بولدى.

سۆھبەتتە، تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارغا ئائىت مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئەنگلىيەدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىسى مۇھىم نۇقتا قىلىپ مۇزاكىرە قىلىندى.

«ئۈممەت پاراۋانلىقى » ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمانلار قۇرۇپ چىققان خەلقئارا ئىنسانىي ياردەم ۋەقفى 2001- يىلى ئەنگلىيەدە تەسىس قىلىنغان خەير-ساخاۋەت ئورگىنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامراتچىلىق ھەم تۈرلۈك زۇلۇم ۋە ئازاب-ىقالغان مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.

-ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 4835 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2020 14:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق