گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

 

26- ئاۋغۇست خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا زىيارىتىدە بولۇۋاتقان پەيتتە، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان.  
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى26-ئاۋغۇست گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا زىيارەتتە بولغان. ئىگىلىنىشچە، خىتاي بۇ زىيارىتى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ، خوڭكوڭ، تەيۋەن مەسىلىلىرى ھەققىدە گوللاندىيە دائىرىلىرى بىلەن سۆزلىشىدىكەن .
100 دىن ئارتۇق كىشى نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ،  نامايىشچىلار بۇ قېتىمقى خىتاينىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرماسلىق ئۈچۈن نارازىلىق نامايىش قىلىش ئارقىلىق گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە ئالدانماسلىققا چاقىرغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى كۈچلۈك مەيداننى ئىپادە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان، خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خەلقئاردا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقى ھەمدە ئېمبارگوسىغا دۇچ كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتە يالغۇز قىلىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى  بىر قانچە كۈندىن بىرى غەرب ئەللىرىنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغان. زىيارەتتە بولغان دۆلەتلەردە شەرقىي تۈركىستان ، خوڭكوڭ مەسىلىسىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىنى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. 

-ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 3114 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2020 13:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق