خەلقىمىز كۆز يېشى ئارقىلىق دەردىنى ئاڭلاتماقتا

خەلقىمىز كۆز يېشى ئارقىلىق دەردىنى ئاڭلاتماقتا

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن مەلۇم  بولۇشىچە، ھەر جەھەتتە قاتتىق ئىسكەنجىگە ئېلىنغان خەلقىمىز ئەركىن جەمئىيەتتە تۇرۇپمۇ يېتىۋالغان ئۇيغۇرلارغا كۆز يېشى ئارقىلىق دەردىنى ئاڭلاتقان.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بىرى خەلقىمىزنىڭ بىر قىسىمىنى لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە تۇتقۇن قىلىش سەۋەبلىك قىسمەن ئائىلىلەر تاقىلىپ قالدى. بىر قىسىم ئائىلىدە خانىم -قىزلار يالغۇز قالدى، پەرزەنتلىرىمىز ئائىلىسىدە ئىگە- چاقىسىز قالدى. ياشانغانلار باققۇچىسىز ، ئېتىزلار پەرۋىش قىلىدىغان ئادەم يوق تاشلىنىپ قالغان ئىدى. بىر -ئىككى يىل ئىلگىرى خەلقىمىز بۇ دەردلىرىنى چەتئەلگە چىقىۋالغان توغقانلىرى ۋە قېرىنداشلىرىغا ھەمدە خەلقئاراغا ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا يېزىق ھەم سۆز  ئارقىلىق ئىپادىلەپ  كەلگەن ئىدى. خىتاينىڭ خەلقئارادىن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا ئىچكى ئەھۋاللارنى تارقىتىشقا قارشى يولغا قويغا قاتتىق جازالاش تەدبىرلىرى خەلقىمىزنىڭ دەردىنى ئېيتىشقا توسالغۇ بولدى. بولۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋىرۇس باھانەسى بىلەن ۋىرۇس يۇقۇمى بولمىغان رايونلاردىكى خەلقىمىزنى ئۆيلىرىگە قامال قىلىپ، دېھقان -چارۋىچىلارنى ئىشقا چىقىشقا يول قويماسلىق قىلمىشى خەلقىمىزنىڭ دەرد - ئەلەملىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلقىمىز ئۆيدە ئاشلىق تۈگەپ كۆكتات پىشۇرۇپ يەيدىغان ھالەتكە كەلگەن.

مەزكۇر سىندا ئىچىگە پاتمىغان دەرد - ئەلەملىرىنى كۆز يېشى قىلىش، چىشى ئۆتمىگەن تەقدىردىمۇ قاتتىق ناننى غاجاش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان ھالدا ئەركىن دۇنيادىكى خەلقىمىزگە ئۈنسىز دەردىنى ئاڭلاتقان.

يەنە باشقا بىر سىندا ئاتۇشلۇق بىر ئايال ئۆز ئائىلىسىنىڭ بىر ئايدىن بىرى ئۈچ ۋاقىتلىق تامىقىغا ئەنجۈر يەپ كۈن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆيىدە ئاشلىق تۈگەپ كەتكەنلىكىنى،  ئاتۇش خەلقىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان.

ئۈچ كۈن ئىلگىرى تارقالغان يەنە بىر سىندا بولسا، پەرزەنتلىرىگە ئائىلىدە ئاشلىق قالمىغانلىقى سەۋەبلىك سېمىز ئوت بىلەن چۆچۈرە تۈگۈپ بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئوت تېرىشكە باشلىغانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ ئاچلىقىنى ئوت-ياش پىشۇرۇپ بېرىپ ھەل قىلماقچى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ئېغىر كۈنگە قالغانلىقىنى ئاددىي سۆزلەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانداق ۋەزىيەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

-ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1490 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2020 13:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق