ۋىيېتنام خىتاينى زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى

ۋىيېتنام خىتاينى زېمىنىمىزغا تاجاۋۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىيېتنام خىتاينى پاراسېل ئارىلى ئەتراپىدىكى ھەربىي مانېۋىرنى توختىتىشقا چاقىردى.

خىتاي بىرلا ۋاقىتتا بوخەي دېڭىزى ، سېرىق دېڭىز ، شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ۋە نەق مەيدان راست ئوق ئېتىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىپ ، بۇ رايوندا يەنە جىددىيلىك پەيدا قىلغان.

ۋىيېتنام بۈگۈن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تالاش – تارتىش بولۇۋاتقان رايوندا ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنى ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. ھەمدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت مىزانى ئورنىتىش ئۈچۈن داۋام قىلىۋاتقان سۆھبەتنى مۇرەككەپلەشتۈردى دەپ ئەيىبلىگەن.

خىتاي بۇ ھەپتە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان پاراسېل ئارىلى ئەتراپىدا ئالتە كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بۇ خىتاينىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم بۇ رايوندا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى بولۇپ،  ۋىيېتنام تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لې تى تۇ خاڭ

 (Le Thi Thu Hang) بايانات ئېلان قىلىپ،  «خىتاينىڭ قايتا-قايتا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىرى ۋىيېتنامنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى ھەمدە خىتاينىڭ ھەرىكىتى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى سۆھبەت مىزانىنى مۇرەككەپلەشتۈردى » دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن. 

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەنە،  7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە پاراسېل ئارىلىغا يېقىن جايدا بەش كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ۋىيېتنام ۋە فىلىپپىن تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنگەن.  فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوچىن ئەينى ۋاقىتتا كۈچلۈك ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «ئەگەر خىتاي مانېۋىرى فىلىپپىن  زېمىنىغا دەخلى قىلىدىكەن. خىتاي مەيلى دىپلوماتىيە ياكى باشقا ساھەدە قاتتىق جاۋابقا ئېرىشىدۇ»دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1083 قېتىم كۆرۈلدى
27/08/2020 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق