ئۈرۈمچىدىكى قامال قىسمەن بوشىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئۈرۈمچىدىكى قامال قىسمەن بوشىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ 25- ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە،

 24-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ئۈرۈمچىدە يۇقۇم كۆرۈلمىگەن قىسمەن رايونلارغا قارىتىلغان قامالنى بىر قاتار شەرتلەر ئاستىدا بوشاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە،  سايباغ رايونى تۇگۇڭ ئاھالە كومىتېتىگە تەۋە بىرىنچى تىرانسپورت شىركىتى ئائىلە قورۇسى، چايچى ئاھالىلەر كومىتېتى ئوت ئۆچۈرۈش پونكىتى ئائىلە قورۇسى قاتارلىق مەھەللىلەردە قورۇغا ئاپتاپ ئىسسىنىش ئۈچۈن چىققاندا چوقۇم ماسكا تاقاش، ئۆز -ئارا ئارىلىق ساقلاش، ھەر ۋاقىت قورۇلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، قول تازىلىقىغا دىققەت قىلىش شەرتى ئاستىدا ئاھالىلەرگە قارىتىلغان قامالنى بەلگىلىك دەرىجىدە تەڭشىگەنلىكى، بىر قىسىم مەھەللە كوچىلىرىدا بالىلارنىڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقى، ھەر خىل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇش ئاساسىدا ، يۇقۇم يۈز بەرمىگەن بىر قىسىم ئاھالىلەر بىر يەرگە توپلانماسلىق شەرتى ئاستىدا شەخسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە، سايباغ رايونىغا تەۋە قىسمەن رايونلاردا كىشىلەر تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋە تىزىملاتقاندىن كېيىن بىنادىن چۈشۈپ قورۇدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بىر قىسىم قورۇلاردا كىشىلەرنىڭ ئارىلىق ساقلىغان ئاساستا ئاپتاپ ئىسسىنىۋاتقانلىقى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى ۋە داۋانچىڭغا تەۋە قىسمەن رايونلاردىمۇ بىر يەرگە توپلانماسلىق شەرتى ئاستىدا قورۇ ئىچىدە شەخسى پائالىيەتكە رۇخسەت قىلىنغانلىقى، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا مۇلازىمەت ئۈستىلى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ماسكا ، دېزىنفېكسىيە دورىسى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات قوللانمىسى تارقىتىۋاتقانلىقى، تەڭرىتاغ رايونىغا تەۋە قىسمەن رايونلاردىمۇ كىشىلەر بىنادىن چۈشۈپ چېنىقىش ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر: خىتاي تاراتقۇلىرى ئۈرۈمچىنىڭ قىسمەن رايونىدا قامالنى بوشاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقىتىشقا باشلىغان بولسىمۇ بىراق خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قامالنى تېخىچە بوشاتمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1247 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2020 14:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق