ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى لېكسىيەگە قاتناشتى

ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى كىشىلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى لېكسىيەگە قاتناشتى

24-ئاۋغۇست نۇزۇگۇم جەمئىيىتى نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خانىم قىزلاردىن تەشكىللەنگەن 19 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىنى ئىستانبۇل شىرىئەۋلەر رايونى «ۋەتەن تەربىيەلەش » كۇرس مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «كىشىلىك مۇناسىۋەتتە كىم كىمدۇر» تېمىسىدىكى  لېكسىيەگە قاتناشتۇردى. پائالىيەتتە، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا خالىسانە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت قىلىپ  كېلىۋاتقان مەديا ۋە مەرۋە خانىملار لېكسىيە سۆزلىگەن.  

لېكسىيە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 دە باشلىنىپ 12:30 غىچە داۋام قىلغان بولۇپ، لېكسىيىدە ھەر بىر ئادەم ئالدى بىلەن ئۆز كىملىكىنى ، ئۆز خاسلىقى، ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكىنى ياخشى تونۇش. باشقىلارنىڭ  ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ مۇئامىلە قىلىش، كەسىپ ياكى بىرەر ئىش تاللىغاندا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ  تاللاش، قارىغۇلارچە ياكى ھېسسىيات بىلەن ھەمراھ، دوست، سەپداش تاللاش، قارىغۇلارچە يول ۋە ئىش تاللاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ۋاقىت، زېھىن ، كۈچ ۋە سەرمايىدار ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر ئىشنى ئۆزۈم سىناپ ئۆزۈم بىلگىنىمچە قىلىپ باقاي! دېيىشنى تاشلاپ بۇ ساھەدە قولغا كەلگەن ئىشەنچلىك تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىش، ئەقىدىسى ، ئىدېئولوگىيەسى ساغلام ئىنسانلارنىڭ تەجرىبىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق قىسقا ۋاقىت ، ئاز كۈچ بىلەن نىشانغا يېتىش يوللىرى ھەققىدە جانلىق  نۇقتىلار بايان قىلىنغان.

لېكسيەدە يەنە قانداق قىلغاندا پاسسىپ ۋە پىرىنسىپچى ، ئاكتىپ  ئىنسانلار بىلەن ھەر نەرسىگە ئىلمىي نەزەر بىلەن قارايدىغان ، ئاكتىپ ۋە ياكى بىپەرۋا، غەمسىز ، مەسئۇلىيەتسىز ئىنسانلار بىلەن ئۈنۈملۈك چىقىشىپ ئۆتۈشكە بولىدۇ؟

يولۇققان مۈشكۈلچىلىك ۋە زىددىيەتلەرنى تاشلاپ قېچىش كېرەكمۇ ياكى بۇلارنى بىر دەرس ، تەربىيە ۋە يېتىلىشنىڭ ، ئىلگىرىلەشنىڭ پۇرسىتى دەپ بىلىش كېرەكمۇ ؟ دېگەن مەزمۇنلار ھەققىدە توختالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىر قېرىنداشلار ئۈچۈن ھەدىيە سۈپىتىدە سۆزلەپ بېرىلگەن بۇ دەرس بۇ قېتىم ئىككىنچى قېتىملىقى بولۇپ، بىرىنچى قېتىملىق دەرس 14-ئىيۇل ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

دەرسكە قاتناشقان خانىم -قىزلار دەرس ئورۇنلاشتۇرغان ھەمدە لېكسىيە سۆزلىگەن ئۇستازلارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق دەرس ۋە تەربىيەلەشكە بەكمۇ ئېھتىياجى بولغان شەرقىي تۈركىستان خانىم – قىزلىرىنى قوللاشنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 2628 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2020 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق