ۋىرۇس باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قامالغان خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

ۋىرۇس باھانىسى بىلەن ئۆيلىرىگە قامالغان خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئاشكارىلاندى

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئاستىلىرىدا تارقالغان ئۈندىدار پاراڭلىرى ۋىرۇس باھانەسى بىلەن ئۆيلىرىگە قامالغان خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋىرۇسنىڭ ئۈرۈمچىدە تارقىلىشىنى باھانە قىلىپ، ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ناھىيە يېزىلىرىدا مەجبۇرى سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرىنى ئىجرا قىلدى. خەلقىمىزنىڭ ئىشىكلىرىنى پېچەتلەپ تاقىدى، ھەتتا بىر قىسىم  رايونلاردا ئىشىكنى كەپشەرلەپ تاقاپ خەلقىمىزنى رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىينىغان ئىدى. خىتاينىڭ ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقىمىزگە قىلغان بۇ خىل ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇئامىلىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى ئۈندىدار توپىدا تارقالغان پاراڭلار ئۆيىگە قامالغان خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئاھالە كومىتېتنىڭ قورچاق ئەمەلدارى بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر كىشى توپتىكى كىشىلەرگە: ھەممىڭلارنىڭ ئۆيىدە ئاياللىرىڭلار بار، ئۇن بار، بىر قانچە ئۇچۇم ئۇن بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپلا دوخاپكىدا پىشۇرساڭلارمۇ نان بولىدۇ. نان يوق دەپ، قاقشىماڭلار «دېگەن. قورچاق ئەمەلدارنىڭ سۆزىگە بىر كىشى كايىغان ھالدا جاۋاب ېىرىپ، »بىز ئۆيدە كۆكتات يوق دېمىدۇق، ئۆيدە ئۇن، نان، گۆش يوق دېدۇق « دېگەن.

قورچاق ئەمەلدارنىڭ سۆزىگە يەنە بىر كىشى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەلقىمىزگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، نۇرغۇن ئائىلىلەردە ئايال بالىلارغا قارىغۇچى بولماسلىقتەك ۋەزىيەتنى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەت ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان ھالدا جاۋاب تىرىپ ، » ئىككى چىنە ئۇننى سېلىپلا ھورنان قىلىمىز دېگەن بىلەن ھەممە ئۆيدە ھەممە نەر تولۇق بولمايدىكەن. بەزى ئۆيدە ئۇن يوق، بەزى ئۆيدە گۆش يوق، بەزى ئۆيدە كۆكتات يوق، بەزى ئۆيدە ئەر يوق، بەزى ئۆيدە ئاياللار يوق، نەچچە بالا بىلەن قېلىپ ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ ياشاۋاتقان ئاياللىرىمىز خېلى بار. مۇنداقلا  قىلسا پىشمايدىكەن بەش كۈن بولدى ئۆيدە ئۇن يوق سەۋزە بىلەن بەرەڭگە يەۋاتىمەن، بىزغۇ ياش سەۋزە بىلەن بەرەڭگىنى يەپ ئولتۇرساق ھېچ نەرسە بولمايدۇ. بىراق ياشانغانلار ھەمدە كىچىك بالىلىرى بار كىشىلەر قانداق قىلىدۇ؟ «دېگەن.

بۇ خەۋەر 1557 قېتىم كۆرۈلدى
25/08/2020 15:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق