% 41 خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

%  41 خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ يېقىندىن بىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش، قاتتىق تەقىب قىلىش سىياسىتى شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتايلاردىمۇ سىقىلىش پەيدا قىلغان.

بۈگۈن ئىستىقلال خەۋەر بۆلۈمىمىزگە ئەۋەتىلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇۋاتقان خىتايلارنىڭ % 41.5 شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغان.

شىنشېڭ (خەلقئارا) مەسلىھەت مۇلازىمەت شىركىتى  تور ئارقىلىق خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇپ قېلىش ياكى چىقىپ كېتىش ھەققىدە راي سىناش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى رايونلىرى ئاساس قىلىنغان.

تەكشۈرۈشتە ئاشكارىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كېتىشنى قارار قىلغان خىتايلارنىڭ نىسبىتى % 41.5نى، چىقىپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلار % 35.8نى، كېيىنكى مەزگىللەردە چىقىپ كېتىشنى ئويلاشقانلار % 16.8نى، چىقىپ كەتمەيدىغانلىرى % 5.9 نى ئىگىلەيدىكەن.

شەرقىي تۈركىستاندا تۇرۇشنى خالىمايدىغان خىتايلارنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى « كىرىم تۆۋەن بولۇش، چىقىم كۆپ بولۇش، تىجارەت ياخشى بولماسلىق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارنى ھەر قايسى ساھەدە قاراۋۇللۇق ياكى ماراقچىلىققا ئورۇنلاشتۇرۇش ، ئىجتىمائىي خىراجەت كۆپ بولۇش، يوللار راۋاب بولماسلىق،  قەدەمدە بىر توساق، تولا تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەلققە قېيىقچىلىق تۇغدۇرۇش بىلەن بىرگە، ھەر خىل چىقىمنىڭ ئېشىپ كېتىشى» قاتارلىقلار ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1253 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2020 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق