شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى (23-ئاۋغۇست)

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى  

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.  

23-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ داۋالىنىۋاتقانلار 183، 12 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 27 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

بىر كۈن ئىچىدە سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمار 15 بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار 4193 گە چۈشكەن.

چاڭشىيا تېز خەۋەرلىرى تورىنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي بويىچە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 16 بولۇپ، شاڭخەيدە بەش، فۇجىيەندە ئۈچ، سىچۈەندە ئۈچ، يۈننەندە ئۈچ، شەندۇڭدا بىر، شەنشىدە بىر ئىكەن. خەۋەردە بۇ بىمارلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1397 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2020 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق