ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوڭ تىپتىكى ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوڭ تىپتىكى

ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

 

 5-ئاينىڭ 23-كۈنى (پەيشەنبە) شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان، بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئىپتارلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

بۇ پائالىيەت ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى ئاق دېڭىز يىغىن زالى جايلاشقان زەيتىنبۇرنۇ كازلىچەشمە كۈلتۈر سەنئەت مەركىزىنىڭ باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىلەن ۋەفا خەلقئارالىق ياردەم جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەت ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى.

 

 بۇ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2009-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئىپتارلىشىش پائالىيىتىنىڭ 11-قېتىملىقى بولۇپ، پائالىيەتكە  ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ پائالىيەتكە يەنە ئاق پارتىيەنىڭ ئىستانبۇل خەلق ۋەكىلى ئابدۇللاھ گۈلەر، ئىستانبۇل شەھەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى رەجەپ باتۇ، زەيتىنبۇرنۇ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇرشىت بەكارئوغلۇ، ۋەفا خەلقئارالىق ياردەم جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇسئەپ ئايدىن ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى، ئاق پارتىيەنىڭ 23-قېتىملىق خەلق ۋەكىلى پىروفېسسور جالال ئەرباي، ئاق پارتىيەنىڭ 23-قېتىملىق خەلق ۋەكىلى ھۈسنۈ تۇنا، ئىنسانىي ياردەم ۋەقفىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەھمەت سارىقۇرت، ياۋۇز دەدە، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار، شەرقىي تۈركىستان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى رەئىسى ئىسمائىل جەنگىز، ھۈدا پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى باشلىقى ئەردال ئەلىبۈيۈك ۋە بىر قىسىم ئەزالىرى، ئاق پارتىيەنىڭ ئىستانبۇل ئاياللار گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى، تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ياۋۇز گۈنگۆر ئارسلان، خوجا ئەھمەت يەسەۋى ۋەقفىنىڭ رەئىسى ئىلياس ساكا، ئىسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى رەئىسى دوكتور ئۆمەر قۇل، ئۇيغۇر تەتقىقات ۋەقفى رەئىسى ئابدۇلئەھەت ئۇچقۇن، ئۇيغۇر مەرىپەت ۋەقفى رەئىسى ھەبىبۇللاھ ئەھمەت كۈسەنى، قازاق تۈركلىرى ۋەقفى رەئىسى فازىل توپلۇ، دارۇل ئىمان جەمئىيىتى رەئىسى مەھمۇت داموللام، شەرقىي تۈركىستان ياشلىق ۋە ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئېلخان تۇرانلى، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى ئابدۇسالام تەكلىماكان، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى رەئىسى تاھىر تۇراق، مەھمۇت قەشقەرىي ئىلىم ۋە ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى يۈسۈپ پالتاجى، ئۇيغۇر خەۋەر ئاگېنتلىقى رەئىسى ئابدۇۋارىس خوتەن، قازاقىستان ئىخلاس ۋەقفى رەئىسى خالىللا ماجانوۋ، شىۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچى توماس ئەپەندى، ئىلكە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى نىزامىدىن ئاشقىن قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئەزىز مېھمانلار قاتناشتى.

 

 ئىپتار پائالىيىتىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئىپتار پائالىيىتىگە قاتناشقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە ھەمدە ھەرقايسى ئىجتىمائىي تەشكىلات رەھبەرلىرىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە ئىپتار پائالىيىتىنىڭ مەنىۋى لەززىتىنىڭ بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بىلەن بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە ئىپتار قىلىشتىن كېلىدىغانلىقىنى، مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى كۈرەش يولىدا بىرلىككە كېلىشىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاندىن كېيىن ۋەفا خەلقئارالىق ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى مۇسئەپ ئايدىن ئەپەندى تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن زەيتىنبۇرنۇ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇرشىت بەكارئوغلۇ، ئاق پارتىيەنىڭ ئىستانبۇل خەلق ۋەكىلى ئابدۇللاھ گۈلەر قاتارلىق مېھمانلار سۆز قىلدى.

بۇ قېتىمقى ئىپتار پائالىيىتى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا ئىنتايىن قىزغىن ھەم تەرتىپلىك داۋاملاشتى. بۇ قېتىم بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئىپتار پائالىيىتىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كىشى قاتناشتى.

پائالىيەت ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆللمالار بىرلىكىدىن نىياز داموللام شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قىسقا ۋاقىتتا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1929 قېتىم كۆرۈلدى
25/05/2019 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق