تاڭ نۇرى ئانا تىل كۇرسى يازلىق دالا پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى
تاڭ نۇرى ئانا تىل كۇرسى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا 17 - ئاۋغۇستتىن 21 - ئاۋغۇستقىچە « ئانا تىلىم بەختىمدۇر » تېمىسىنى مەركەز قىلغان دالا پائالىيىتى ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى كۈلتۈر خىزمىتى بۆلۈمىنىڭ تەۋەلىكىدىكى تاڭ نۇرى ئانا تىل كۇرسى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئانا تىلنى مۇكەممەل شەكىلدە ئۆگىتىش، ئانا تىلنى پەقەت سىنىپ ۋە مەكتەپنىلا ئەمەس ھەرخىل ماكان ۋە زامان، ئوخشىمىغان مۇھىت ۋە كىشىلەر ئارىسىدا ئەركىن سۆزلىيەلەيدىغان، كۆپلىگەن ئاتالغۇلارنى چۈشۈنۈپ ، سۆزلۈك بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىتقا ئىگە قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
بۇ قېتىم يەنە يالوۋا رايونى گۈنەي يېزىسىدا 14 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن دالا پائالىيىتى گۇرۇپپىسى
پائالىيەت مەزگىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئەتىگەن ۋە ئاخشاملىرى ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك ئۆي تامىقى ئېتىش، تازىلىق ئىشلىرىدا ھەمكارلىشىش، قۇرئان تىلاۋىتى ۋە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى . كۈندۈز كۈنلىرى دالا سەيلىسىگە چىقىپ قىزلارغا مۇناسىپ چېنىقىش، توپ ئويناش، تاغقا يامىشىش، ئورمان سەيلىسى قىلىش، ياۋا مېۋە توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
بۇ بىرقانچە كۈنلۈك دالا سەيلىسى پىروگراممىسى بۇ قىزلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئانا تىلىمىزنىڭ سۆز بايلىقى، ئىپادىلەش ئۇسلۇبىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى ۋە بۇ تىلنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ساقلاش ۋە باشقىلارغا ياخشى ئۆگىتىشكە بولغان غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى.
تاڭ نۇرى ئانا تىل كۇرسى بۇندىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپلىگەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئانا تىلدا مۇكەممەل يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن پېداگوك ئۇستازلارنىڭ ئوقۇتۇش ۋە يېتەكلىشى بىلەن كۆپلىگەن ۋە مول مەزمۇنلۇق دەرس ۋە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلانماقتا ۋە ئانا تىلنى ھەقىقىي سۆيىدىغان، ئەھمىيىتىنى چۈشىنىدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم ئەۋەتىشىنى، قولىدىن كېلىشىچە تەشۋىق ۋە ياردەم قىلىپ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.