شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى (21-ئاۋغۇست)

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 21-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولۇپ، ئۇدا ئالتە كۈن نۆل ھالەتنى ساقلىغان.

21-ئاۋغۇست پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 22 كىشى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 21-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىمۇ بايقالمىغان. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 227كە چۈشكەن. نۆۋەتتە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار 5342 كىشى ئىكەن.

تۈنۈگۈن ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ۋەزىيەتنى يەنىلا «مۇرەككەپ ۋە كەسكىن» دەپ سۈپەتلىگەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇمغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پەرقلىق ھالدا ئىجرا قىلىنىشى ۋە يېڭى بىمارلار بايقالمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قامالنى داۋاملاشتۇرۇشى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىگە قارىتا گۇمان ۋە ئەندىشىلەرنى كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1447 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2020 17:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق