ھىندونېزىيەنىڭ ياردەم تەشكىلاتى تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى

ھىندونېزىيەنىڭ ئىسلامىي ياردەم تەشكىلاتى ACT جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى شۆبىسى 19-ئاۋغۇست تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەتچىلەرنى نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە تاڭنۇرى تەلىم-تەربىيە مەركىزى مەسئۇلى كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا تەلىم-تەربىيە مەركىزىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ھىندونېزىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكى تونۇشتۇرۇلدى. شۇنداقلا نۇزۇگۇم جەمئىيىتىدىن تەمىنات ئېلىۋاتقان 15 ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ماددىي ياردەم تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 2817 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2020 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق