شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى (20-ئاۋغۇست)

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 20-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولۇپ، ئۇدا بەش كۈن نۆل ھالەتنى ساقلىغان.

20-ئاۋغۇست پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 22 كىشى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 20-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىمۇ بايقالمىغان. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 274كە چۈشكەن. نۆۋەتتە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار 5932 كىشى ئىكەن.

گەرچە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشى داۋاملىق چەكلەنمەكتە ئىكەن. بۇ كۆزەتكۈچىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1345 قېتىم كۆرۈلدى
21/08/2020 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق