شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى (19-ئاۋغۇست)

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 19-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولۇپ، ئۇدا تۆت كۈن نۆل ھالەتنى ساقلىغان.

19-ئاۋغۇست پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 7 كىشى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 19-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىمۇ بايقالمىغان. يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 331كە چۈشكەن. نۆۋەتتە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار 6558 كىشى ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1519 قېتىم كۆرۈلدى
20/08/2020 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق