«شەرقىي تۈركىستاننى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغان خىتاي ئەڭ كىچىك تەنقىدكىمۇ چىدىمايدۇ»

«شەرقىي تۈركىستاننى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولغان خىتاي ئەڭ كىچىك تەنقىدكىمۇ چىدىمايدۇ»

 

مەرۋە شەبنەم ئورۇچ (Merve Şebnem Oruç)

 

 

مەن ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا قاتاردا ئۆتكۈزۈلگەن دوخا مۇنبىرى يىغىنىدا خىتاينىڭ بىر قانچە ئەقىل ئامبىرى ئەزالىرى ۋە سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشتۈم. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى، توغرىسنى ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىپ كېلىۋاتان زۇلۇم، ھەتتا قانلىق قىرغىنچىلىق تۈركىيەدە داۋاملىق مۇنازىرە قىلىنىدۇ. جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرەلمىگەنلىكى بولسا تەنقىد قىلىنىدۇ.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولسىمۇ، مەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن خىتاينىڭ ئەقىل ئامبىرى ئەزالىرى ۋە سودىگەرلىرى تۈركىيەگە شۇنچىلىك ئۆچ بولۇپ كەتكەنكى، ئۇلارنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكىگە گەپ توغرا كەلمەيدۇ. ئۇلارچە خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئۇلارنىڭ ئاتىشىچە«شىنجاڭ»، بىزنىڭ ئاتىشىمىزدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۇلار تۈركىيەنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى، دەپ ئەيىبلىدى.

ئەسلىدە تۈركىيە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان بولغاچقا، ئۆكتىچىلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى ئاجىزلىق دەپ تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ھەرقايسى تەرەپلەر تۈركىيەنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى داۋاملىق تۈردە ئەنە شۇنداق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيەگە قارشى يەنىلا ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك بىلەن قارايدىكەن.

ھەرقانداق بىر ئادەم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنى ئېغىزىدىن چىقىرىپ باقسۇن، ئۇ ئادەم خىتاي ۋە خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بىۋاسىتە نىشانىغا ئايلىنىدۇ. خىتاي ئەڭ كىچىك ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سەل قارىمايدۇ ۋە كەچۈرمەيدۇ.

بىز بۇنىڭغا مەسئۇت ئۆزىلنى مىسال قىلىپ كۆسىتىمىز. چۈنكى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دەھشەتلىك قانلىق قىرغىنچىلىق توغرىسىدا يازغان پەقەت بىرلا تىۋىتتېر ئۇچۇرى خىتاينى ساراڭ قىلىۋەتتى، ھەتتاكى ساراڭ قىلىپ سەكرىتىۋەتتى. خىتاي كېيىن مەسئۇت ئۆزىلنى «يالغان خەۋەرگە ئالدىنىپ كەتتى» دېدى. ئۇنداق بولسا نېمىشقا مەسئۇت ئۆزىلنىڭ كوماندىسى بولغان ئارسېنال بىلەن مانچىستېر كۇلۇبى ئوينىغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېلېۋېزور قاناللىرىدا خەۋەر قىلىشتىن چەكلەيدۇ؟

ئىش بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىگەن بولسا ياخشىتىغۇ. خىتاي مەسئۇت ئۆزىلنى ھەتتا PES 2020 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئويۇننىڭ خىتايچە نۇسخىسىدىنمۇ چىقىرىۋەتتى. خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بەرگەن باياناتىدا: «گېرمانىيەلىك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتاينى ھەددىدىن زىيادە تەنقىد قىلدى، ئۇنىڭ بۇ باياناتى خىتاي پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بېرىپ، تەنتەربىيەدىكى مۇھەببەت ۋە تىنچلىق روھىغا زىيان يەتكۈزدى. بىز ئۇنىڭ بۇ قىلغىنىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز، قوبۇل قىلمايمىز ۋە كەچۈرمەيمىز» دېدى.

خىتاينىڭ بۇنچە غەزەپلىنىپ، نېمىنى ئەپۇ قىلمايدىغانلىقىنى چۈشىنىش مۇمكىنمۇ؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس. خىتاينىڭ ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا بۇنچىۋالا چىدىغۇسىز دەرىجىدىكى غەزەپ-نەپرىتىنى چۈشەنگىلى بولامدۇ؟ ياق!

 بۇرۇن مەسئۇت ئۆزىلنىڭ تۈركىيە پىرېزىدېنتى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى گېرمانىيەدە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ، گېرمانىيە دۆلەت كوماندىسىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ بۇ كوماندىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى. مەسئۇت ئۆزىل توپ ئوينىغان ئاق، قىزىل رەڭلىك ئارسېنال كوماندىسىمۇ بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئىگە بولمىدى.

ئەسلىدە ئارسېنال كوماندىسى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بەكمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئەگەر ئارسېنال كوماندىسى مەسئۇت ئۆزىلنى قوللىسا، خىتاينىڭ ئۆزىگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ھەتتا شەرقىي ئاسىيا بازارلىرىدا ناھايىتى ياخشى خېرىدارى بولغان ئەنگلىيەگىمۇ تەلۋىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق زەربە بېرەلەيدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە چوڭ بىر كىرىزىس چىقىرىشتىنمۇ يانمايدىغانلىقىنى پەرەز قىلدى. چۈنكى ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدەك ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، كېيىنكى يىللاردا خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، داۋاملىق يېقىن ئۆتمەكتە ئىدى. ئەنگلىيە گەرچە ئۆزىنى «دېموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى» دەپ ئاتايدىغان بولسىمۇ، خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە كەلگەندە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى ئاجىز كېلىپ، سۈكۈت قىلىشنى تاللىدى.

مەن بۇ ماقالىنى كەشمىر مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن ئىسلامئابادتا يېزىۋاتىمەن. بىلگىنىڭىزدەك، پاكىستان مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىر ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى. پاكىستان شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئۆزىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى ئازاد كەشمىر ئارقىلىق ۋاسىتىلىك ھالدا قوشنا بولغان بىر دۆلەت. باشقىچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قىلىۋاتقان زوراۋانلىقى پاكىستاننىڭ بۇرنى ئاستىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. پاكىستان مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ قانلىق قىرغىنچىلىقىغا سۈكۈت قىلماقتا.

ئۆتكەن ئايدا بىر مۇخبىر ئىمران خاندىن: «نېمە ئۈچۈن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمى ھەققىدە گەپ قىلمايسىز» دەپ سورىدى. ئىمرانخان بۇ سوئالغا: «بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ھېچنەرسە بىلمەيمەن" دەپ جاۋاب بەردى. مەن بۇ يەردە پەقەت ئىمران خاننىلا كۆزدە تۇتمىدىم. مەن پاكىستانغا بۇرۇنمۇ كەلگەن. شۇ ۋاقىتتىمۇ كۆپلىگەن دۆلەت ئەمەلدارلىرىدىن بۇ توغرىلىق سوئال سورىغان بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ سوئاللىرىمغا بەرگەن جاۋابلىرىدىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلگەندە كور، گاس ۋە گاچا بولۇۋالغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم.

شۇنچە كۆپ مىڭلىغان ئىسپات ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بار. ئەھۋال شۇنداق تۇرسىمۇ، ئۇلار «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كەينىدە ئامېرىكىنىڭ ئويۇنى بار» دەپ قارايدىكەن. ئىشنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكىنىڭ بارلىقى راست. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى چىققانلىقىنى باھانە قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق سىياسىتىنى يوققا چىقىرىش ياكى كور، گاس، گاچا بولۇۋېلىش توغرا ئەمەس.

 بۇ يەردىكى مەسىلە، پاكىستان ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ، ھەربىي جەھەتتىمۇ خىتايغا بېقىنىپ ياشايدىغان بىر دۆلەت. تېخىمۇ مۇھىمى ھىندىستاننى جاممۇ كەشمىر مەسىلىسىدە ئامېرىكا قوللايدۇ، پاكىستاننى بولسا خىتاي قوللايدۇ. ئەسلى مەسىلە مانا بۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كەلگەندە پاكىستاننىڭ پۇت-قولى باغلاقلىق.

بەكمۇ ئەپسۇس، ھىندىستان ئىشغال قىلىۋالغان جاممۇ كەشمىردىكى زۇلۇمغا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقان پاكىستان ئۆزىنىڭ قوشنىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا كەلگەندە ئاۋازىنى چىقىرالمايدۇ. بولۇۋاتقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەرنى بىلمىگەن، ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا مەجبۇر. مەن «مەجبۇر» دەيمەن. چۈنكى مەسئۇت ئۆزىلدەك بىر شەخسكە ھۇجۇم قىلغان خىتاي پاكىستاننى نېمە قىلىۋېتەر.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىدىيىۋى ئۇرۇشلىرى مىللىي، دىنىي ۋە مەزھەپ ئۇرۇشىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىرگە داۋاملىشىۋاتقان يەر شارى ئىقتىسادىي ئۇرۇشى جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ۋە كۈرەشلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ئىقتىسادىي ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ كوزىرىغا ئىگە بولغان خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلماقچى بولغان دۆلەتلەرنى سىياسىي ھەم ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش ئارقىلىق، ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئامېرىكىغا كۆرسەتمەكتە ۋە ھىس قىلدۇرماقتا. گېرمانىيە قاتارلىق خىتايغا قارشى تۇرالايدىغان بەزى دۆلەتلەر بار. ئەمما بۇ دۆلەتلەرمۇ خىتايغا قۇرغان زاۋۇتلىرى، تۈزگەن توختاملىرى ۋە ئالىدىغان پايدىسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى بۇ دۆلەتلەرمۇ خىتاينىڭ نۇرغۇن دۆلەت ۋە شىركەتلەرنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بەرگەن، كۆزلەرنى قاماشتۇرۇپ ئوت چىقىرىۋاتىدىغان پۇللىرىنىڭ مەپتۇن قىلارلىق سېھرىي كۈچىگە چىدىيالمايدۇ.

يۇقىرىدا مەسئۇت ئۆزىلنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتۇق. دېمەك، خىتاي پەقەت دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، ھەتتا شەخسلەرنىڭ تەنقىد قىلىشىغىمۇ چىدىمايدۇ. بۇ يازمىنى يازغانلىقىم ئۈچۈن بەلكىم مەنمۇ خىتاينىڭ نىشانىغا ئايلىنىشىم مۇمكىن. مەن بۇرۇنمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمىنى تونۇشتۇرغانلىقىم ئۈچۈن تور، مۇنبەرلەردە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. چۈنكى خىتاينىڭ ھەربىر ئىنسانغا ئاجرىتىدىغان يېتەرلىك ئادەم كۈچى بار. شۇڭا خىتاي كېيىنكى ۋاقىتتا ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقنىمۇ ئاۋارە قىلدى. ئۆتكەن ھەپتە ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروففېسور دوكتور ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇق تور، مۇنبەرلەر ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىدىن «ئائىلەم نەدە؟» دەپ سوئال سورىدى. ئىككى يىلدىن بۇيان خەۋەر ئالالمىغان پۈتۈن ئائىلسىنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي بىلدۈردى. ئۇنىڭ بۇ ۋىدېيوسى تور، مۇنبەرلەردە كەڭ تارقالدى ۋە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى بۈيۈك ئەلچىسى چىدىماي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا خىتاي ئەلچىسىنىڭ ۋەكىلى چېڭ ۋېيخۇا (Cheng Weihua) ھەتتا ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇقنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاتىماي «بۇ ئوقۇتقۇچى» دەپ ئاتاپ، نۇرغۇن بۇرمىلانغان ۋە قالايمىقان قۇرۇق گەپ بىلەن ئابدۇرىشىت جېلىل قارلۇقنى قارىلاشقا ئۇرۇندى. ئۇ خىتاي گەرچە «جازا لاگېرلاردىن خەۋىرىم يوق» دېگەن بولسىمۇ، خىتاي ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكى، تەسىر كۈچى ۋە ئىقتىسادىغا تايىنىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىنى ئېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، كۆزلىرى كۆرۈپ تۇرۇپ، گاچا بولۇۋالغان بولسىمۇ، ئىنسانلار يەنىلا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.

 ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇقتەك بىر ئىنىسى جازا لاگېرىدا پالەچ بولۇپ قالغان، بىر ئىنىسى بىكاردىن بىكارغىلا 15 يىللىق كېسىلگەن، يەنە بىر ئىنىسى 11 يىللىق كېسىلگەن، 82 ياشقا كىرگەن كېسەلچان ئانىسىنى باقىدىغان ئادەم يوق يالغۇز قالغان مىڭلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق بار. ئۇلارنىڭ بىر-ئىككىسى بىلەن ئەمەس، تۆت-بەشى بىلەن ئەمەس، ئونلىغان شەرقىي تۈركىستانلىق بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ، ھەممە ئائىلىدە ئوخشاشلا زۇلۇم بارلىقىنى بىلىسىز. ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى ئاڭلاۋېتىپ، قولىڭىزدىن ھېچ ئىش كەلمىگەنلىكىدىن يۈرىكىڭىز ئۆرتىنىپ كېتىدۇ.

 قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان خىتاي ئەڭ كىچىك تەنقىدكىمۇ چىدىمايدۇ. پۈتۈن دۇنيا بولسا خىتايغا قارشى سۈكۈت قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

 

2019-يىلى 23-دېكابىر

 

تەرجىمىدە: مۇھەممەت تۇرسۇن ئۇيغۇر

بۇ خەۋەر 14424 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2020 19:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق