شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى (18-ئاۋغۇست)

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 18-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولۇپ، ئۇدا ئۈچ كۈن نۆل ھالەتنى ساقلىغان.

17-ئاۋغۇست پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 17 كىشى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 18-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىمۇ بايقالمىغان بولۇپ، يېڭىدىن 23 بىمار ساقايغان، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولۇپ، ئومۇمىي سانى 331كە چۈشكەن. نۆۋەتتە تېببىي كۆزىتىلىۋاتقانلار 7426 كىشى ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1524 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2020 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق