خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان چېگراسىدىكى ھەربىي ھەرىكىتى دىققەت قوزغىماقتا

دوۋېي تورىنىڭ 18-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى نەچچە كۈندىن بۇيان خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە J-20 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.

فوربېس تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خوتەندىكى ئايرودۇرۇمغا J-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. بۇ چەتئەل سۈنئىي ھەمراھلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاندا J-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى بايقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما فوربېس تورىنىڭ خەۋىرىدە خىتاينىڭ زادى قانچىلىك ئايروپىلان ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ نامەلۇم ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

J-20 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى خىتاينىڭ 5-ئەۋلاد كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانى بولۇپ، خوتەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ گەنسۇدىكى ھەربىي بازىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

بۇلاردىن سىرت يەنە J-16 تىپلىق قىرغۇچى ئايروپىلانلار ۋە H-6 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانلار يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ئايرودۇرۇملارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خوتەن ئايرودۇرۇمى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاساسلىق ھەربىي ئايرودۇرۇمى بولۇپ، لاداخ رايونىغا 300 كىلومېتىر كېلىدۇ. خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ، خىتاينىڭ چېگرا رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىمۇ ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن. ھىندىستانمۇ چېگرا رايونىغا ھەر خىل تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە تىك ئۇچارلارنى ئورۇنلاشتۇرغان.

مەنبە:

https://www.dwnews.com/%E4%B8%AD%E5%9B%BD/60208352/%E4%B8%AD%E5%8D%B0%E5%AF%B9%E5%B3%99%E5%B1%80%E5%8A%BF%E7%B4%A7%E5%BC%A0%E8%A7%A3%E6%94%BE%E5%86%9B%E6%AD%BC20%E6%88%98%E6%9C%BA%E7%AA%81%E7%8E%B0%E6%95%8F%E6%84%9F%E5%9C%B0%E5%B8%A6%E5%9B%BE

 

بۇ خەۋەر 1890 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2020 15:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق