شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ۋەزىيىتى (17-ئاۋغۇست)

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 17-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولۇپ، ئۇدا ئىككى كۈن نۆل ھالەتنى ساقلىغان.

17-ئاۋغۇست پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 22 كىشى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 17-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بىر كىشى بولۇپ، ساقايغانلار 24 كىشىگە يەتكەن، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى بولسا 354كە چۈشكەن.

بۇ خەۋەر 1643 قېتىم كۆرۈلدى
18/08/2020 13:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق