شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىدى

خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 16-ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان بولۇپ، ئىككىنچى قېتىملىق ۋىرۇس تارقىلىشىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم نۆلگە چۈشكەن.

16-ئاۋغۇست پۈتۈن خىتاي تەۋەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار 22 كىشى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 378 كىشى بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.

خىتاينىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلىرى ئىزچىل ھالدا خەلقئارانىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇسنىڭ قايتىدىن تارقىلىشى جازا لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇلاردىن سىرت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇم باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان نازارەت ۋە كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، خەلقكە ئىنسانىيلىققا يات ئۇسۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1597 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2020 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق