خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىندىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى سىرتقى دۇنيا بىلەن پۈتۈنلەي ئالاقىسى ئۈزۈلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان نازارەتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۈچەيتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى نازارەت ۋە كونتروللۇقنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزگەن بولسىمۇ، تىك توك قاتارلىق بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا تارقالغان ئاز ساندىكى ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ۋە جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يۇقۇم باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكى، ئاتالمىش بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىگە ھاقارەت سۆزلىرى يېزىلغان قەغەزلەرنى چاپلاپ سازايى قىلغانلىقىغا ئالاقىدار بىر نەچچە سىن تارقىلىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىن تارقالغان مەلۇم ئاۋازلىق سۆزلىشىش خاتىرىسىدە خىتاينىڭ بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولغانلىقى ۋە جىددىي قاراۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.

مەزكۇر ئاۋازلىق سۆزلىشىش خاتىرىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالاقىدار سىن ھۆججەتلىرىنى تارقاتقان كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقى ، شۇڭا توپ ئەزالىرىنىڭ قالايمىقان ئۇچۇر يوللىماسلىقى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

ئۇزۇندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار سىن كۆرۈنۈشلىرىنى يىغىپ، تارقىتىپ كېلىۋاتقان زۇمرەت داۋۇت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ تىك توك ھېساباتىنى كۆپ قېتىم تاقىۋەتكەنلىكىنى ۋە  IPئادرېسىنى چەكلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. گەرچە ئۇ پەقەت ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنى ئىزدەپ چۈشۈرگەن، سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىمىغان ۋە باشقا ھېچقانداق مەزمۇن يوللىمىغان بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ تېپىپ، ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەستىنلا تاقىۋەتكەن. زۇمرەت خانىم باشقا يانفون بىلەن قايتىدىن تىزىملاتقان بولسىمۇ، يەنىلا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان بىلەن سىرتقى دۇنيانىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەرقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشىشىنى توسۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئەڭ كىچىك يوچۇقلارنىمۇ قالدۇرماسلىققا كۈچىمەكتە.

بۇ خەۋەر 1477 قېتىم كۆرۈلدى
17/08/2020 15:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق