شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى  

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  يەنە 7 ئىكەن.

14-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە 7 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. يېڭىدىن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار ئىككى بولۇپ، ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئىكەن.   12 بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 24 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇپ داۋالىنىۋاتقانلار 438 ،  ئۈرۈمچىدە  436 ، قەشقەردە بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 126 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 125، سانجىدا بىر ئىكەن. سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 33 ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 11466 گە چۈشكەن.


ئالدىنقى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايتا تارقىلىشى بىلەن خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش »باھانىسى بىلەن قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان. مەھەللە، ئولتۇراق رايونلارنى قامال قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆيلىرىدە نەزەربەند قىلغان. ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختاتقان. ئاممىۋى پائالىيەت، دۇكان، سودا سارايلارنى تاقاپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتا قەرەللىك تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان ئىدى.
ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سىكرىتارى چېن چۈەنگو: «نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر ۋە مۇرەككەپ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئەڭ قىيىن باسقۇچتا تۇرماقتا،» دېگەن.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ پەسىيىشكەباشلىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ، چىن چۈەنگونىڭ يەنىلا شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىنى ئائىلىلىرىگە نەزەربەند قىلىش، قاتتىق تەدبىرنى تەكىتلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.   

بۇ خەۋەر 1928 قېتىم كۆرۈلدى
15/08/2020 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق