شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى  

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى  يەنە 8 ئىكەن.

13-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە 8 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. يېڭىدىن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار تۆت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.   14 بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 23 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇپ داۋالىنىۋاتقانلار 464 ،  ئۈرۈمچىدە  462 ، قەشقەردە بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 129 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 128، سانجىدا بىر ئىكەن. يېڭىدىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 49 ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 12501 گە چۈشكەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ۋىرۇس يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن رايونلاردىمۇ خەلقنى قاتتىق قامال قىلىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان بولۇپ ، خىتاي ئېلان قىلغان بىمارلارنىڭ سانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئىزچىل ھەر ساھەنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1899 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2020 16:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق