خىتاي خەلقىمىزگە قاراتقان قامالنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي خەلقىمىزگە قاراتقان قامالنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئىجتىمائىي ئۇچۇرلىرىدا تارقالغان سۈرەت ۋە سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ۋىرۇس يۇقۇم باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارىتىلغان قامالنى قاتتىن تەدبىرلەر بىلەن داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

12- ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ خوتەندە چېكىلگەن بىر سىن تارقالدى. سىندا  قورچاق ئەمەلدارلار مەلۇم بىر كەنت قورۇسىدا ئەر – ئايال 10 غا يېقىن  كىشىنىڭ يۈزىگە ئىشىككە چاپلايدىغان پېچەت چاپلاپ، تۇرغۇزۇپ جازالانغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان. سىندا يەنە، ئاھالە كومىتېتىدىكى قورچاق ئەمەلداردىن بېرى: » ئۆيگە پېچەت چاپلاش خوش ياقمىغان، ئۆيدە ئولتۇرماي تالاغا چىقىۋالغانلارنىڭ يۈزگە پېچەت چاپلاپ قويساق بولىدۇ، ھەممىڭلار تالاغا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرارسىلەر « دەپ باشقىلارنى ئۆيدە ئولتۇرماي تالاغا چىقسا يۈزىگە پېچەت چاپلاپ جازالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.  

بۈگۈن تارقالغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەردىمۇ قامالنى بوشاتمىغان بولۇپ، پېچەت چاپلانغان ئىشىكلەرنىڭ سۈرەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە خىتاي ۋىرۇسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچىدىن باشقا يەردە تارقالمىغان بولسىمۇ بىراق خىتاي دائىرىلىرى يەنە خەلقىمىزنىڭ ئىشىكلىرىگە پېچەت چاپلاپ قامال قىلىشنى توختاتمىغان .  

 

 

 

 

بۇ خەۋەر 1761 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2020 16:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق