« ئۆيدە كۆرگەنلىرىم » مەكتۇپى لاگېردىكى يېڭى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى(3)

 « ئۆيدە كۆرگەنلىرىم » مەكتۇپى لاگېردىكى يېڭى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى(3)

10- ئاۋغۇست ئىستىقلال بۆلۈمىگە كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن » ئۆيدە كۆرگەنلىرىم « سەرلەۋھەلىك مەكتۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن لاگېردا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارغا باشقا دۆلەتنىڭ ماركىسىنى چاپلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.  

مەكتۇپتا ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى لاگىردىكىلەرنىڭ بىر قىسمىنى نامدا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەمما ئۇلارنى يەنە يالغان مائاش بىلەن ئىش ھەققى بەرمەي مەجبۇرى ئەمگەككە سالغانلىقىنى، ئۇلارغا پەقەت  ھەپتىدە بىر كۈن ئۆيگە قايتىشقا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان .  مەكتۇپنى ئەۋەتكۈچىنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ بىر قانچىسى بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولغان بولۇپ،  لاگېر تۇتقۇننىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ھەر بىر لاگېردىكى تۇتقۇنلارنى ئوخشىمىغان ئەمگەكلەرگە سالىدىكەن ، ئۇلار ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، تېلېفون زاپچاسلىرى، (تىڭشىغۇچ، توكدان) كومپيۇتېرى زاپچاسلىرى(ھەر خىل كومپيۇتېرى سىملىرى) دېگەندەك قول تۇتىدىغان، كۆپ ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەككە مەجبۇرلايدىكەن. ياسالغان مەھسۇلاتلارغا »خىتايدا ياسالدى»  دەپ، يېزىلغان ماركا چاپلىماي باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىسمىنى يازىدىكەن.  بۇ خىل ۋاسىتە ئارقىلىق لاگېردا ياسالغانلىقىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مەكتۇپتا يەنە، لاگېردىكى تۇتقۇنلار ئىچىدە مەجبۇرى ئەمگەككە بويسۇنمايدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمگەك قىلىشنى رەت قىلغانلارنى  48-سائەت ئېسىپ قويۇپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىدىغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئۈچۈن بارلىق قىيناش ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سالىدىغانلىقىنى، ياتاق ئىش مەيدانلىرىدا تۇتقۇنلار ئۆز- ئارا تاكاللىشىپ قالغاننى پۇرسەت بىلگەن گۇندىپايلار قاتتىق خورلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنى  ھېرىپ كەتكۈچە ئۇرۇپ ئاندىن توختايدىغانلىقىنى،  تۇتقۇنلار تاماقنى كامېر ئىشىكنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى قول پاتقۇدەك تۆشۈكتىن كىرگۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى،  باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان .

بۇ خەۋەر 1419 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2020 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق