شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋالى  

ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 8 ئىكەن.

12-ئاۋغۇست سائەت 0 دىن كەچ سائەت 24 گە قەدەر شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 8 كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. يېڭىدىن ئالامەتسىز يۇقۇملانغۇچىلار 5 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئىكەن.   14 بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك، 24 بىمارنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە يۇقۇملانغۇچىلار 505 ،  ئۈرۈمچىدە  503 ، قەشقەردە بىر، دىۋىزىيەدە بىر ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار جەمئىي 130 بولۇپ، ئۈرۈمچىدە 129، سانجىدا بىر ئىكەن. يېڭىدىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار 38 ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار جەمئىي 13548 گە چۈشكەن.

خىتاى نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تارقالغان ۋىرۇس باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى  بارلىق ۋىلايەت، شەھەر، يېزا قىشلاقلارنى ئومۇميۈزلۈك قامال قىلغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. شاڭخەيدىن ۋەلسېپىت مىنىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن خىتاي سەيياھ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل قامال قىلىش تەدبىرلىرىدىن قاقشىغان ھالدا « بۇ خىل قامال  زادى كىشىلەرنى قۇتۇلدۇرۇۋاتامدۇ ياكى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتامدۇ، مەن بۇنى بىلەلمىدىم» دېگەن.
خىتاي ئېلان قىلغان بىمارلارنىڭ سانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئىزچىل ھەر ساھەنىڭ گۇمانىنى قوزغاتماقتا . ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئېلان قىلغان ۋىرۇس ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى «ئىشەنچلىك ئەمەس» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 1508 قېتىم كۆرۈلدى
13/08/2020 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق