سىچۈەن خەلقى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى قوزغالدى


26-فېۋرال ئىجتمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، سىچۈەن خەلقى خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى قوزغالغان.
ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بېرى سىچۈەندە ئارقا-ئارقىدىن يەر تەۋرىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر تەۋرەش قېتىم سانى بارغانچە كۆپەيگەن. يەرنىڭ تېيىز قاتلىمىدىكى تەۋرەش 4.9 بالغا يەتكەن. 
ئۈچ يىل بۇرۇن خىتاي سىچۈەندە سىلانېتس گېزى قېزىشقا باشلىغان بولۇپ، يەرلىك خەلق يەر تەۋرەشنىڭ سىلانېتس گېزى قېزىش بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراپ، يەرلىك ھۆكۈمەتكە بىر قانچە قېتىم ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ھۆكۈمەت خەلقنىڭ نارازىلىق پىكىرلىرىگە قۇلاق سالمىغان. غەزىپى تاشقان خەلق كوچىلارغا چىقىپ، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلغان. نەتىجىدە يەرلىك ھۆكۈمەت سىلانېتس گېزى بۇرغىلاشنى توختىشىغا ۋەدە قىلغان.

بۇ خەۋەر 19204 قېتىم كۆرۈلدى
26/02/2019 18:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق