خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنى زار قاقشاتماقتا

خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنى زار قاقشاتماقتا

11- ئاۋغۇست ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خەلقىمىزنى ئومۇميۈزلۈك ئۆيلىرىگە نەزەربەند قىلىپ دېھقان، چارۋىچى ۋە تىجارەتچىلەرگە ئېغىر زىيان سالغان.

سىندا كۆرسىتىلىشىچە ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەلۇم بىر سۈتچىگە كەنتتىن چىقىش رۇخسىتى بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك سېتىشقا تەييارلىغان 400 كىلو سۈتنى تۆكۈۋەتكەن. سۈتچى سۈتنى تۆكۈۋېتىپ زارلانغان ھالدا « يول يۈرۈش روخسىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تۆكۈشكە مەجبۇر بولدۇق » دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

يەنە بىر سىندا ئاشكارىلىنىشچە، مەلۇم بىر ھەسەل باققۇچى زارلىنىپ، « چۆللەردە ئىسسىقنى ئىسسىق دېمەي جاپا تارتىپ ھەرە بېقىپ، سۈزۈپ كېچىك قۇتىلارغا قاچىلىغان ھەسەللىرىمنى سېتىپ بولالمىدىم . بۇ سىننى كۆرگەنلەردىن توپلاردا تارقىتىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن»دېگەن سۆزلىرى بىلەن ھارغىنلىق ئىچىگە ھارغىنلىق كىرىشىپ كەتكەن بىر مەنزىرىنى تەسۋىرلىگەن.  

يەنە بىر سىندا كۆرسىتىلگەن مەلۇم بىر كەنت بازىرىدىكى تاۋۇز، قوغۇن ساتقىلى كەلگەن دېھقانلاردىن باشقا ئادەمنى كۆرگىلى بولمايدىغان مەنزىرە، تىز پۈكمەس خەلقىمىزنىڭ  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەر جەھەتتىن رەھىمسىز باستۇرۇشىغا قارشى ئۈن – تىنسىز ھايات – ماماتلىق كۈرەش دەۋرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

بۈگۈن تارقالغان يەنە بىر سىندا ئاشكارىلىنىشىچە،  خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ،  خەلقىمىزنى مەھەللە-كەنتلەرگە نەزەربەند قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى تاۋۇز تېرىغان دېھقانلارغا سىرتقا چېقىش روخسىتى بېجىرىپ بەرمىگەن. شۇنچە مەبلەغ سېلىپ يېتىشتۈرگەن تاۋۇزلار دائىرىلەرنىڭ سىرتقا چىقىش رۇخسىتى بېجىرىپ بەرمىگەنلىكى سەۋەبلىك سېسىپ كېتىۋاتقان تاۋۇزلىرىغا قاراپ چىدىمىغان دېھقان ئېچىنىپ يىغلىغان.

بۇ خەۋەر 1676 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2020 17:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق