« ئۆيدە كۆرگەنلىرىم » مەكتۇپى ئۇيغۇرچە كىتاب ساقلىغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى( 2)

« ئۆيدە كۆرگەنلىرىم » سەرلەۋھەلىك مەكتۇپ ئۇيغۇرچە كىتاب ساقلىغانلارنىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى( 2)

10- ئاۋغۇست ئىستىقلال بۆلۈمىگە كىملىكىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كىشى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن » ئۆيدە كۆرگەنلىرىم « سەرلەۋھەلىك مەكتۇپ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قىلىش جىنايىتىنى ئاشكارىلىدى.

مەكتۇپتا، مەكتۇپ يوللىغان كىشىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە ئۈچ جىنازا نامىزىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ئەگەر قاز قىلغۇچى خىتايغا ئىشلەپ مائاش ئالىدىغانلار بولسا ئۇ كىشىنىڭ نامىزىنى ئوقۇشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى ،  مېيىتنى يۇيۇپ ئۇدۇل ئاپىرىپ كۆمۈپ قويىدىغانلىقىنى، ئەگەر دېھقان ياكى مائاش ئالمايدىغان بىرەر كىشى قازا قىلغاندا، جىنازا نامىرى ئوقۇيدىغان ئۆلىما تېپىش ئىنتايىن قېيىن ئىكەنلىكىنى، جىنازا نامىزىغا قاتنىشىدىغان ئادەمنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەممە ئادەمنى قورقۇتۇپ « ناماز » دېگەن سۆز خەتەرلىك سۆز بولۇپ قالغانلىقىنى، خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ سۆزنى ئۆز – ئارا تىلغا ئېلىشتىن  قورقىدىغان قىلىپ قويغانلىقىنى ئاشكارىلىغان .

مەكتۇپتا ئاشكارىلىشىچە، ئاشخانىلاردا تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىش قاتتىق چەكلەنگەن ھەتتا ئۆي ئىچىدىمۇ قورقۇپ تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلالمايدىغان ھالەتكە كەلگەن، خىتاينىڭ ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان » نامىدا ئۆيگە كىرگۈزگەن جاسۇسلىرى ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغانلارنى دېگۈدەك تارتىپ چىقىرىپ بەرگەن. پات-پات خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قورچاق ئەمەلدارلىرى ياكى كەنت ساقچىلىرى خەلقتىن ئۇنى بۇنى سوراپ سوراق قىلىدىكەن. سوراقتا  20 دوستۇڭنى دەپ بېرىسەن دەپ زورلايدىكەن. سوراقتىن كېيىن بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇتۇپ كېتىدىكەن.

مەكتۇپتا يەنە، دېھقانلارنىڭ كۈنى تولىمۇ قىيىنلىشىپ قالغانلىقىنى، يەرلىك دائىرىلەر يۇقىرىدىن تەكشۈرگۈچى كېلىدۇ دېگەن، باھانىلەر بىلەن ئۆي تازىلاڭلار تەكشۈرىمىز دەپ ئۆي تەكشۈرىدىغانلىقىنى،  يوللارنى ياسايمىز دەپ يول سۈپۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، شەكلى ئۆزگەرگەن ھاشارغا سالغانلىقىنى،  ئائىلە ۋە ئېتىزنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشتىن كاشىلا قىلىپ، ھەر دائىم كەنتلەرگە يىغىۋالىدىغانلىقىنى،  چىرايىدا نارازىلىق كەيپىياتى بايقالغانلارنى تۈرمە ياكى لاگېر بىلەن تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.  

مەكتۇپتا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئاتالمىش «ئاق تاشلىق كىتاب »قا كىرگۈزدۇق دەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بويىغان خىتاي، ئىچكى جەھەتتە «قۇتادغۇبىلىك » ھەمدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت كىتابلارنى چەكلىگەن. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆيىدىن «قۇتادغۇبىلىك » چىقىپ قالغانلىقى  سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەن.

مەكتۇپتا يەنە، چەت يېزىلاردىمۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئاجايىپ ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكىنى، ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بىر- بىرى بىلەن خىتايچە پاراڭلىشىدىغان ئىشلار بارلىققا كەلگەنلىكىنى، 500 مېتىر ئارىلىق تاشلاپ  چوڭ ياڭراتقۇ ئورناتقانلىقىنى، ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىدىغان ياڭراتقۇلار بۇ يىل يەرلىك خەلققە خىتايچە ئۆگىتىش ئۈچۈن  ئىشلىتىشكە باشلىغانلىقىنى، نۆۋەتتە رادىيو باشتا خىتايچە ئاندىن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

بۇ خەۋەر 1356 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2020 17:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق